بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھازىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى بولسا يەنىمۇ كىچىكلىتىش ، چۈنكى كىچىك بولسا ئاسان بايقىلىپ قالمايدۇ ، تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە يۇشۇرۇن ۋەزىپىنى ئىجرا قىلشىقا قولاي بولىدۇ ، يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەتقىقاتىدا دىنامىكىدىن پايدىلاندى ،ئىنسانلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ياساشتا ،بۈركۈت ھەرە ۋە شۇنىڭدەك باشقا ھاشاراتلاردىن ئۆگەنگەن .
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر تەبىئەت جانلىقلار ژۇرنىلىغا بىر ماقالە بېسىلدى ، ئۇنىڭدا 14 تەتقىقات كوللېكتىپى ئۆزلىرى يېڭىدىن كەشىپ قىلغان بىئونىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى نامايان قىلغان .بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ياساش ئىلھامىنىڭ كۆپىنچىسى قۇش ، ھاشارەت قاتارلىقلاردىن كەلگەن .شەكلى ئۇچار قۇشلارغا ئوخشايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ماساچۇسىتېس تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كەشىپ قىلغان ئۆزىنى زەرەتلەيدىغان بىونىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان .
بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە سېنزور ئورنىتىلغان ، تۆت مېتىر دائىرىدە ئېلېكتىر سىمى قۇيۇپ بەرگەن ،ماگىنىت مەيدانىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ ،ئەڭ ياخشى قۇنۇش نۇقتىسىنى ئىزدەيدۇ ،ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىگە قىسقۇچ ئارقىلىق قىسىپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنى زەرەتلەش تېخنىكىسى قۇشۇلغان .مانىلا ئۇنۋېرستىتدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار كەشىپ قىلغان بىئونىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغىمۇ سېنزور ئورنىتىلغان ،ناھايىتى تار بوشلۇقتىمۇ ئۇچۇپ ھەرىكەت قىلالايدۇ ،ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان نەچچە مىكرو تىپلىق تېلىكامىرا ئارقىلىق يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ،بۇنىڭدىكى ئىلھام ھاشاراتلارنىڭ كۆزىدىن كەلگەن .
سېنزور ۋە تېلىكامىرا بىلەن يەر يۈزىدىكى كومپيۇتېر ئۇلىنىدۇ ،بۇ ئارقىلىق ئۇچقۇسىز ئايروپىلان توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ .
يەنە بىر چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يىرتقۇچ قۇشقا ئوخشىتىپ ، بىر خىل يۇقىرى سۈرەتتە ئۇچقاندىن كېيىن تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ يەر يۈزدىكى جىسىمنى تۇتالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى كەشىپ قىلدى .ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەرە قۇشنىڭ سەزگۈرلىكىدىن پايدىلىنىپ تەقلىدىي ماشىنا ئادەمنى كەشىپ قىلدى ، ئۇ چاققان ئەپلىك بۇلۇپ تېز پىرقىريالايدۇ ،بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كىچىك يوچۇقتىكى يەرلەرگىمۇ ھەرە قۇشقا ئوخشاش قاناتلىرىنى قېقىپ تۇرۇپ كىىرپ كېتەلەيدۇ كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا يەنە سېنزور تېلىكامىرا سەپلەنسە ،ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا ئادەم ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىيەلەيدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ .ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved