ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بېشارەتلىرى

 بەل ئاغرىش:

 


بۇ بەلكىم دوۋساق ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان ۋە سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈش، زۆرۈر بولغاندا دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش لازىم. بۇ مەزگىلدە سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ئاچچىق، تەركىبىدە خۇشپۇراق ماددا بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم. كاۋا يىغى ياكى ساندال ياغىچى يىغىدا يۇيۇنۇپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

 


ئاسان ئاچچىقلىنىش:

 


ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغىمۇ يىغلىسىڭىز، ئەگەر بۇ ئەھۋال خاراكتېرىڭىز بىلەن ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا قالقانسىمان بەزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى قالقانسىمان بەز ھۇرمۇنىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەڭ سەزگۈر بولىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى ئاسان ھاياجانلىنىش، تېرىككەك بولۇش، ئاسان يىغلاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسى ياخشى بولسىمۇ بىراق كۈندىن – كۈنگە جۈدەيدۇ، ئاياللاردا يەنە ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

 


ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆزى ئىششىپ قېلىش:

 


بۇ ئۇزاق مۇددەت چارچىغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر دائىم سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

 


كەچتە پۇت ئىششىپ قېلىش:

 


بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك ۋېنا (كۆك قان تومۇر) زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنداق كىشىلەر خام كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئارتېرىيە دىۋارىنى مۇستەھكەملەيدىغان تالا ماددىلىرى مول.

 


دائىم قول – پۇتلىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش:

 


بۇ كالتسىي بىلەن ۋىتامىن D كەملىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق كىشىلەر سۈت مەھسۇلاتلىرى، جىگەر، يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يېيىشى لازىم.

 


كۆپ تەرلەش:

 


بۇ قان تومۇر ۋېگېتاتىپ نېرۋىلىرىنىڭ تېيىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئادەتتىكى تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى مەنپەئەت قىلمىسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.

 


بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگىرىش، دائىم ئۇسساش:

 


بۇ ئالامەتلەر دىئابېت (قەنت سىيىش) كېسىلىنىڭ ئالامىتىگە ئازراق ئوخشايدۇ، زۆرۈر بولغاندا قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا نورمال بولسا، تاتلىق ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم.

 


كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈش:

 


ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تارقاق چاچ چۈشۈش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ (چاچ باش قىسمىدىن باشلاپ چۈشىدۇ). كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى روھىي بېسىم، ساقايمىغان جاراھەت ياكى توغرا بولمىغان يېمەك – ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزى كېسەللىك ياكى تۇغما كېسەللىكلەرمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
18-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek