زۇڭتۇڭ ئوباما ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى
28-ماي، ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىدە 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 1064 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇراسىمغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 186 قىز ئوقۇغۇچى، 11 نەپەر كولۇمبىيە، كوستارىكا، ئىئوردائىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار. شۇ كۈنكى مۇراسىمغا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامامۇ قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپى 1802-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىدا تۇنجى ھەربىي مەكتەپ ھېسابلىنىدىكەن، بۇ مەكتەپتىن نۇرغۇن ئاتاقلىق گېنېراللار چىققان ئىكەن.
ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا نيۇ يورك ئىشتاتىدىكى غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved