بېيجىڭ شەھىرىلىك لۇڭxx يېرىم كېچىدە جاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرگەندە تەرىتى قىستاپ ھاجاتخانىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن سۇ ماڭدۇرۇۋەتكەن، جاڭ ئەپەندى ئەر-خوتۇن سۇنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ، لۇڭxxنى تۇتۇۋالغان. بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن ساقچىخانىسى لۇڭxxنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 24-ئىيۇل كېچە سائەت 2:00 دە شارقىرىغان ئاۋازدىن ئويغانغان جاڭ ئەپەندى ئايالىنى ئويغىتىپ ئاۋۋال مېھمانخانا ئۆيىگە چىققان، بىردەمدىن كېيىن ھاجاتخانىدىن بىر ئەر چىققان، جاڭ ئەپەندى قاتتىق ۋارقىرىغاندا، ئەرنىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىغان. جاڭ ئەپەندى ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئوغرىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن باغلاپ قويغان، ئاندىن دېلو مەلۇم قىلغان. كېيىن ساقچىلار كېلىپ ئوغرىنى ئەپكەتكەن. بۇ ئوغرى جاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىن 700 يۈەن پۇل ۋە بىر زەرەتلىگۈچنى ئوغرىلاپ ماڭغانىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved