رەقىبىنى بىر پاي ئوق بىلەن تىك چۈشۈرگەن دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس بەش نەپەر مەرگەن!

مەرگەن (Sniper)ئەسلىدە يوشۇرۇن ئىستىھكامدا تۇرۇپ ئوققا تۇتىدىغان ئادەمنى كۆرسىتەتتى. ھازىر بولسا كىشىلەر ئالاھىدە مەشىقتىن ئۆتكەن، نىشانغا دەل ئاتالايدىغان، نىقابلانغان ۋە رازۋېدكا تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىگەنلەرنى مەرگەن دەپ ئاتايدىغان بولدى. مەرگەنلەر ھازىر ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ‹رول ›بولۇپ قالدى شۇنداقلا ئالاھىدە ئۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى بولۇپ قالدى. بىر ئۇستا مەرگەننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ھەتتا بەزىدە بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئۇرۇشنىڭ بارلىقى بولالايدۇ.

 

1.ۋاسىلي زايتسېۋ

ۋاسىلىي زايتسېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى ئەڭ نامى چىققان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى ئەڭ ئۇستا مەرگەن ئىدى. ئۇ 1942-يىلى ‹ستالىنگراد جېڭى›مەزگىلىدە، 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 225 نەپەر گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەسكىرى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەت ئەسكەرلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ نام چىقارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن 400 نەپەر ئوفىتسېر ئەسكەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئۇ تەربىيىلىگەن مەرگەنلەر 10نەچچە مىڭ دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ مايور گېنېراللىق ئورنىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ 2001-يىلىدىكى ‹قورشاۋ ئاستىدا قالماق›ناملىق فىلىمدىكى باش قەھرىماننىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ۋاسىلي زايتسېۋ تارىختىن بۇيان ئەڭ نام چىقارغان ئۇستا مەرگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1943-يىلى 1-ئايدا ۋاسىلىي زايتسېۋنىڭ كۆزى مىنا پارتىلىغانلىقتىن يارىلىنىپ ھەربىي خىزمەتتىن بوشىغان. كېيىن ۋلادمىر فىلەتوۋ پروفېسسورنىڭ داۋالىتىپ ساقايتىشى نەتىجىسىدە ۋاسىلي ئاخىرى ئۇرۇش مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئۇرۇشقا قاتناشقان. ۋاسلىينىڭ سەپداشلىرى ئۇنىڭغا بىر قورال سوۋغا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە:‹ستالىنگراد ئۇرۇشىدا 300دىن ئارتۇق فاشىستنى ئۆلتۈرگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانىغا تەقدىم›دەپ يېزىلغان. بۇ قورال ھازىر ۋولگاگراد مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ۋاسىلي زايتسېۋ 76يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

 


2.روب فارلوڭ

2002-يىلى روب فارلوڭ شاخ كوت جىلغىسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئۈچ نەپەر بازا تەشكىلاتى تېررورچىسىنى بايقىغان ھەمدە MacMillan TAC-50 .50دېئامېرتىردىكى مەرگەن مىلتىقى بىلەن 2430مېتىر يىراقلىقتىن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، يىراق ئارىلىقتىن ئوققا تۇتۇشتا رېكورت ياراتقان.

 

روب فارلوڭ كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ،ساقچى بولغان.

كېيىن روب فارلوڭ قاتارلىق بەشەيلەن ۋەزىپە ئورۇنلاش داۋامىدا ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن ئامېرىكا ئارمىيىسى تارقاتقان مىس يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 


3.چاك ماۋېنى

چاك ماۋېنى ۋيېتنام ئۇرۇشىدىكى داڭلىق ئامېرىكىلىق مەرگەن.
ئۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ئۇستا مەرگەن بولۇپ، 1969-يىلى ئۇرۇش داۋامىدا ھاردۇق يىتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ۋيېتنامدىن ئايرىلىپ، بىر مەزگىل پېندلېتون بازىسىدا ئەسكەرلەرگە مىلتىق ئېتىشنى ئۆگەتكەندىن كېيىن دېڭىز ئارمىيىسىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا كەتكەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا 91.44مېتىر ئارىلىقتا، 30سېكوتتا M21 تىپلىق يېرىم ئاپتوماتىك مەرگەن مىلتىقى بىلەن 16ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.

 

 

4.كېللىي

ئامېرىكا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدا نۇرغۇنلىغان شىمال قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇستا مەرگەن دەپ نام ئالغان.

 

 

5.توماس پۇلېنكېت

ئەنگلىيە پىيادە ئەسكەرلەر 59-تۈەنىنىڭ ئەسكىرى توماس پۇلېنكېت 1809-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋىلا فرانكادا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى كولبېرتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىنتايىن ئالاھىدە ئۇسسۇل قوللانغان بولۇپ، يەردە يېتىپ تۇرۇپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا قورالنى قىستۇرۇپ بەتلەپ ئوق چىقارغان.



خەتكۈچلەر:
17-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
ئامېرىكا رۇمىنىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىۋىيسايلۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى 12- ماي رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى، ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ...
14-05-2016
 شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 13-ماي تېلېگراممىسى، 14-نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى ئالاھىدە ئەسكەرلەر مۇسابىقىسىدە 12-ماي پېرونىڭ پايتەختى لىمانىڭ شىمالىدىكى ئانكون دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش بازىسىدا  ئاياغلاشتى. كولومبىيە بـۇ ...
14-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى شۇ جاي ۋاقتى 12- ماي ئۇچۇر ئېلان قىلىپ: ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى يېقىندا «تەيفىڭ بورىنى» ناملىق تۆت دانە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئەۋەتىپ، رۇسىيەنىڭ بالتىق...
14-05-2016
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئالاھىدە قىسىملىرى 2016- يىلى 7- ئايدا رۇسىيەنىڭ سومولىنىسكايا ئوبلاستى ۋە موسكۋا ئوبلاستىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن. خەۋەردە رۇسىيە گ...
14-05-2016
      چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېلگىيە باش ۋەزىرى چارلېس مىشېلنىڭ باياناتچىسى ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن بىلدۈرۈشىچە، بېلگىيە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ، ئىراقتىن سۇرىيەگە كىرگەن «ئىسلا...
13-05-2016
       ئاقسارات 11- ماي ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ 51- رايون دەپ قارالغان مەخپىي ھەربىي ئىشلار بازىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش دەۋرىدە بۇ جاي رازۋېدكا ئ...
13-05-2016
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئىنىستىتۇتى ئاخبارات تورىنىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 9-ماي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىنىستىتۇتى ئاخبارات تورى 2016-يىلى 4-ئايلىق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەتقىقات ئورگىنى (ONR) نىڭ پارلامېنتقا يوللىغان 2017-مالىيە يى...
13-05-2016
       چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 12- ماي ئامېركىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ئاندىرۇس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ بومبا تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى، يەرلىك دائىرلەر دەرھال ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قام...
12-05-2016
       رۇسىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى شۇ جاي ۋاقتى 11- ماي مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ رۇمىنىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغاقارشىتۇرۇشسىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە بۇ ئامې...
12-05-2016
     گېرمانىيە 1990-يىلى ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن بۈگۈنگىچە يولغا قويغان ئارمىيەنى قىسقارتىش سىياسىتىدىن رەسمىي ۋاز كېچىدۇ. گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا 10-ماي 2023-يىلىغىچە ئارمىيە 7000 كىشى...
Powered by Leglek