لازىر نۇرى زەمبىرىكىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىقتىدارى

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىندا ئامېرىكا لوكسىت مائارىپ شېركىتى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ دېڭىز بويى رايونىدا ،يېڭىدىن تەتقىق قىلغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھەربىي ئىشلار لازىر نۇر زەمبىرىكىنى سىناق قىلىپ ،30سىكونىتلا 1.6 كىلومېتىر يىراقتىكى دېڭىز ئۈستى نىشانىغا تەگكۈزگەن .

ئىگىلىنىشىچە ، لازىر نۇر قورالنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بىلسىمۇ كۈچى زور بۇلۇپ ، كەلگۈسىدە باشقۇرۇلدىغان بومبىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن .


بۇ يېڭى تىپتىكى لازىر نۇرى زەمبىرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم دېڭىز ئۈستىدىكى نىشانغا قارىتا سىناق قىلىنىشى بۇلۇپ ،بىر كىلومېتىر 600مېتىر يىراقلىقتىكى رېزېنكە قولۋاق نىشان قىلىنغان . لازىر نۇرى زەمبىرىكى ئېتىلىپ رېزىنكە قولۋاقنى چۆكتۈرگىچە بولغان ئارىلىققا پەقەت 30 سىكونىتلا كەتكەن ، بۇ خىل لازىر نۇرى زەمبىرىكى بەش كىلومېتىر دائىرىدىكى نىشانغا زەربە بېرەلەيدۇ . مەزكۇر شىركەت بۇ خىل ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھەربىي ئىشلار لازىر نۇرى زەمبىرىكىنىڭ تۇلۇق .ئىسمى رايون بويىچە زەمبىرەككە قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئىكەن .

ئۇ يېقىن ئارىلىقتىكى تەھدىتكە مەسلەن :راكىتا بومبا ياكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ خىل لازىر نۇرى زەمبىرىكى يەر يۈزىدە كۆپ قېتىم سىناق قىلىنىپ ،ئۇچۇۋاتقان راكىتا ،ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بومبىنى توسىيالىغان ئىدى .

لازىر نۇرى قورالى توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا ئۇنى قۇيۇپ بېرىش تەننەرخى تۆۋەن ،پەقەت توك توختاپ قالمىسىلا توختىماي لازىر نۇر دەستىسىنى قۇيۇپ بەرگىلى بولىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، بىر قېتىم لازىر نۇرى دەستىسىنى قۇيۇپ بېرىشكە بىر دوللارمۇ كەتمەيدىكەن . ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبىنى قۇيۇپ بېرىشىگە نەچچە يۈز مىڭ دوللار كېتىدۇ .

بۇنىڭدىن باشقا لازىر نۇرى دەستىسى نۇر سۈرئىتى تېز بولغاچقا ھەرقانداق قورال بۇ سۈرەتكە يېتەلمەيدۇ .يەنى كېلىپ ،لازىر نۇرى قورالنىڭ يۆنىلىشىنى جانلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ھەم ھېچقانداق رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىش پەيدا قىلمايدۇ .


لېكىن لازىر نۇرى قورالىنىڭمۇ كەمچىللىكى بار ،مەسلەن ئۇنىڭ سۈنئىي ھەمراھقا ياكى ئۇچقۇغا تېگىپ كېتىش خەتىرى بار ، بۇنىڭدىن باشقا ھاۋا شارائىتىمۇ نىشانغا دەل تېگىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ . خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە ، يامغۇرلۇق ۋە بۇلۇتلۇق كۈنلەردە لازىر نۇر دەستىسى كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ، ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
12-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 10-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ئۈچ دۆلەت دېڭىز ئارمىيىسى شۇ جاي ۋاقتى 10-چېسلا نا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى      رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى رۇسىيە فۇكىس ئاخبارات تورىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 27-ماي ئەنگىلىيەنىڭ لىۋىيەگە بىر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، لىۋىيەدىكى قورال ئەتكەس قىلىش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ...
27-05-2016
    24-، 25-ماي، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېيلوڭجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىن سەمىمىي يوقلىدى ھەمدە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋ...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ F/A-18F بەلگىلىك ئىككى دانە «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە» نالىق كۆرەشچى ئايروپىلانى 26- ماي شىمالىي كارولىننا شىت...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 26-ماي، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى ئارلىڭتون دۆلەت قەبرىستانلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى سانجىلغان. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئوفېتسىر-جەڭچىلەرن...
27-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتورنىڭ غەربىگە 65 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى موڭغۇلىيە ئارمىيەسى ئۇنىۋېرسال مەشىق مەركىزىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى «خاقان ئۈستىدە ئىزدىنىش-2016» ناملىق كۆپ...
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى كورىيە «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، كورىيە ئارمىيە تەر...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئەنگلىيە ۋىرت، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت Ⅱ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق خان جەمەتى توپچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت Ⅱ خان جەمەتى توپچى قىسم...
26-05-2016
    دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى __ ۋەزىيەتنى ھەربىيلەشتۈرۈشى، ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت تۇ...
Powered by Leglek