31-ئاۋغۇست تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىغا ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشتا ئالدىن تۆلەش نىسبىتى % 30 تىن % 20 كە چۈشكەن. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى سىياسەت پەقەت يېڭى ئۆيلەرگە قارىتىلغان ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە جامائەت فوندى قەرز پۇلىغا تۇنجى يۈرۈش يېڭى ئۆي ياكى ئىككىنچى يۈرۈش يېڭى ئۆي سېتىۋېلىشتا 20% پۇل ئالدىن تۆلىنىدىكەن، لېكىن نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىشتا يەنىلا 30% پۇل ئالدىن تۆلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىغا تۇنجى قېتىم ۋە ئىككىنچى قېتىم يېڭى ئۆي سېتىۋېلىشتا، ئالدىن تۆلەش نىسبىتى سېتىۋالغان ئۆي باھاسىنىڭ % 20 دىن تۆۋەن بولمايدىكەن؛ نىمكەش ئۆي، باھا تالاشتۇرۇپ سېتىلغان ئۆي، ئولتۇراق ئۆي ئىسلاھاتىدا سېتىلغان ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشتا ئالدىن تۆلەش نىسبىتى سېتىۋالغان ئۆي باھاسىنىڭ % 30 ىدىن تۆۋەن بولمايدىكەن؛ قايتا سېلىنغان، چوڭ رېمونت قىلىنغان، ئۆزى سالماقچى بولغان ئۆيلەرنىڭ ئالدىن تۆلەش نىسبىتى ئۆي قۇرۇلۇشى خامچوتى ئومۇمىي باھاسىنىڭ % 40 ىدىن تۆۋەن بولمايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved