رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات تورىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند سوتى تايلاند پادىشاھىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆز-چۆچەك تارقاتقان پۇقراغا ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
بۇ ئەرنىڭ ئىسمى پىيا جۇلېسكىتتى پون بولۇپ، بۇ يىل 46 ياشتا ئىكەن. شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ 2014-يىلى 12-ئايدا بۇ ئەرنى «خان جەمەتى ئەزالىرىنى ھاقارەتلەيدىغان سۈرەت»تىن ئىككى پارچىنى توردا تارقاتقانلىقتىن قولغا ئالغان.
ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى بۇ ئەر ئادۇد بۇمىبولنى ھاقارەتلىگەن دەپ قارىلىپ، ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 46 ياشلىق ئەرگە بېرىلگەن جازا تايلاند سوت مەھكىمىسى تارىخىدا مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ ئېغىر جازا ئىكەن.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved