رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 27-ئاپرېل سانپېتىرسبېرگتا قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رۇسىيەنىڭ كىرىمى 160 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئازايدى، بىراق رۇسىيە كارخانىلىرى چەتئەللەرنىڭ قەرزىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قايتۇردى، قەرزنى قايتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنى ئاخىرلاشتى.
پۇتىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشتىكى سەۋەب چەتئەللەرنىڭ بېسىمىدىن بولدى، ئۇندىن باشقا يەنە ئىچكى قىسىمدىكى ئامىللارمۇ بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر سەۋەب ئىش ھەققىنىڭ تېز ئېشىشىدىن بولدى. پۇتىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىزچىل تۈردە ئۇزاق ۋاقىتتىىن بۇيان ئىش ھەققى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا تىرىشىپ كەلدى، بىراق ئىش ھەققىنىڭ تېز ئېشىشى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشتىن تۆۋەن بولدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved