ھەرقايسى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى

     بۇ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان قىشتا، سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى چوڭ رول ئوينايدۇ. سوغۇق ھاۋارايىدىكى ئۇرۇشتا توغرا ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ، تۆۋەن تېمپىراتۇرا پەيدا قىلغان كىچىككىنە سەۋەنلىك جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن. زىيادە سوغۇق ھاۋا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ قويىدۇ، كۈچلۈك شامال بەلكىم نەچچە مىنۇت ھەتتا نەچچە سىكۇنتتا ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقا چىقىپ قالغان قىسمىنى توڭلىتىپ قاتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىي لاگېردا قىشتىن ئۆتۈش، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. كىيىم-كېچەك تۆۋەن تېمپىراتۇرا، كۈچلۈك شامال ۋە ھۆلچىلىككە بەرداشلىق بېرەلىشى، سۈركىلىشكە چىداملىق بولۇشى، قاتتىق سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك.

   روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە يەنىلا قېلىن ۋە ئېغىر سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى سەپلەپ بېرىلگەن بولۇپ، نوۋوسىبىرسكىدىكى قاتتىق سوغۇق رايونلاردا ئەسكەرلەر پەقەت ئىككى كۆزىنى چىقىرىپ قويىدۇ، نەپەسلىنىشتىن پەيدا بولغان ھور دەقىقە ئىچىدە مۇزغا ئايلىنىپ بۇرۇن ئەتراپىدا قېتىپ قالىدۇ.

   ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى پۇتىدىن بېشىغىچە ئاق رەڭلىك بولۇپ، خۇددىي خامېلىئونغا ئوخشاش، قارلىق دالا بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.

   ئامېرىكا ئارمىيەسى 1960-يىلىدىن باشلاپ، سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلغان، ئالدى بىلەن سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمىدىكى پولىئېستېر تالا ماتېرىيالىنى قېلىن قوي تىۋىتىنىڭ ئورنىغا ئىسسىق ساقلاش ماتېرىيالى قىلىپ ئالماشتۇرغان.

   كانادانىڭ سوغۇقى روسىيەدىن قېلىشمايدۇ، شۇڭا كانادانىڭ قىشتا مەشىق قىلىدىغان ئەسكەرلىرى ناھايىتى قېلىن كىيىنىدۇ، ئۇلار قارلىق تۈزلەڭلىكتە قىشلىق مەشىق قىلىدۇ، پۈتۈن بەدىنىگە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى كىيىدۇ، پەقەت ئىككى كۆزىنى ئەتراپىدىكى دائىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوچۇق قالدۇرىدۇ.


   كورىيە ئەسكەرلىرى قىشتا يالىڭاچ مەشىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مامۇق كىيىم كىيمەيدۇ، ئىسسىق ساقلاش كىيىمىمۇ كىيمەيدۇ، ئۈستى قىسمىنى يالىڭاچلاپ، قاتتىق سوغۇقتا خۇددىي كىيىمىنى سېلىۋەتسە تېخىمۇ كۈچلۈك كۆرۈنىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ.

   كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سوغۇق يېتىپ كېلىش بىلەن، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدىكى ئۇرۇش قىلىش مۇھىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى، شۇڭا 2016-يىلى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلىسىيە گىرادۇسدا بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ساقلىيالايدىغان يېڭى تىپتىكى سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمىنى تەتقىق قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى ئاساسلىقى ھەربىي لازىمەتلىك قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كىيىم قاتتىق سوغۇق ۋە كۈچلۈك قار ياغقان شارائىت ئاستىدا يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسسىق ساقلاش ۋە نەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئىكەن. كورىيە ھەربىي تەرەپنىڭ بۇ خىل كىيىمنى تەتقىق قىلىشىدىكى سەۋەب ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئېغىرلىقنى %5 ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان.    

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىم كورىيە ھەربىي تەرەپ جەمئىي 1 مىليارد 400 مىليون ۋون (تەخمىنەن 8 مىليون 51 مىڭ 700 يۈەن خەلق پۇلى) مەبلەغنى بۇ كىيىمنى تەتقىق قىلىشقا ھەمدە بارلىق كورىيە ئارمىيەسىنى تەمىنلەشكە ئاجراتقان.



خەتكۈچلەر:
26-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek