گۇاڭدۇڭ خېيۈئەندە قاتىل ساقچىلار تەرپىدىن قورشاۋدا قالغاندا ئېگىز بىنادىن سەكرىۋالدى

قورشاۋغا ئېلىش جەريانىدا ،ئاللىقاچان قېچىش ئىمكانىيتى قالمىغان جىنايەت گۇماندارى ۋۇxجوڭ جىنايىتىدىن قورقۇپ دېرىزىنى چېقىپ بىنادىن سەكرەپلا ئۆلۈۋالماقچى بولغان.

4-ئاينىڭ23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يۈئەنچېڭ ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارى ۋۇxجوڭنىڭ تاش ئەجدارھا مەيدانى تۆت كۇچا ئېغزىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ ئۇنى تۇتۇشقا ئەۋەتكەن. 

ماجىياڭ ئويناش جەريانىدا گەپ تاكاللىشىپ قالغانلىقى تۈپەيلى ۋۇ xئاچچىقىدا ماجىياڭ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى چېنxكە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن.5 كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ  ئەتراپلىق رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق ،تۈنۈگۈن جىنايەت گۇماندارى ۋۇxگۇاڭدۇڭ خېيۈئەن يۈئەنچېڭ ساقچى تەرپىدىن قولغا ئېلىنىپ دېلو تۇرغۇزۇلغان.ھازىر سوراق قىلىش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. 

4-ئاينىڭ18-كۈنى سەھەردە يۈئەنچېڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دېلو مەلۇم قىلىش تېلفۇنىنى قۇبۇل قىلغان،دېلو مەلۇم قىلغان كىشىنىڭ دىيشىچە،يۈئەنچېڭ رايونى سۈنئىي ھەمراھ يولى ئەتراپىدا بىر جانغا زامىن دېلو سادىر بولغان. دېلو بىجىرگۈچى ساقچىلار دەرھال نەخ مەيدانغا يىتىپ بېرىپ بىر ئەرنىڭ ئاللىقاچان قان ئىچىدە ياتقانلىقىنى ھەمدە ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىنى بايقىغان.دېلو يۈز بەرگەندىن كىيىن دېلو بىجىرگۈچى  ساقچىلار نەخ مەيدانغا قارىتا ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ئاممىنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگەللەش ، يېقىن ئەتراپتىكى كۈزىتىش ئاپاراتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچلەر بىلەن پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنى خۇنەنلىك ۋۇx قىلىپ بىكىتكەن. 

جىنايەت گۇماندارىنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىپ ، جەمئيەتتىكى يامان تەسىرىنى يۇقىتىش ئۈچۈن يۈئەنچېڭ ساقچى تەرەپ تېزلىكتە 3كىچىك مەخسۇس دېلو گۇرۇپىسى تەشكىللەپ ،بىرىنجى گۇرۇپىنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەشكە ئورۇنلاشتۇرغان، ئىككىنجى گۇرۇپىنى ئىنتىرنېت تورىدا جىنايەت گۇماندارىنى سۈرۈشتە قىلىشقا مەسئۇل قىلغان، ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ خېيۈئەندىكى مۇناسىۋەت تورىنى ئېنىقلاش ۋەزىپىسنىمۇ تاپشۇرغان . ئۈچىنجى گۇرۇپپا يۈئەنچېڭ رايونلۇق ساقچىخانىنىڭ ھۆكىمەت تورىدا مۇكاپاتلىق ئىزدەش ئىلانى تارقىتىدىغانغا مەسئۇل بولغان بۇلۇپ ،يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇشۇپ بەرگەنلەرگە 20000يۈئەن بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەرگەن. 

نەچچە كۈنلۈك رەت بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېلو بىجىرگۈچى ساقچىلار ۋۇxنىڭ يېنىدا كۆپ پۇل يوقلۇقىنى ،شۇنىڭ ئۈچۈن خېيۈئەن شەھەر ئەتراپىدا تۇرۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىنچىلكىنىڭ  زور ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىكى گۇمانلىق ئورۇنلارغا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 4-ئاينىڭ23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يۈئەنچېڭ ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارى ۋۇxنىڭ تاش ئەجدارھا مەيدانى تۆت كۇچا ئېغزىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلگەنلىك ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن ،شۇنىڭ بىلەن ساقچى كۈچى تەشكىللەپ ئۇنى تۇتۇشقا ئاتلانغان. 

قورشاۋغا ئېلىش جەريانىدا، ئاللىقاچان قېچىش ئىمكانىيتى قالمىغان جىنايەت گۇماندارى ۋۇxدېرىزىنى چېقىپ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۋالماقچى بولغان. قوغلاپ تۇتۇشقا بارغان ساقچىلار دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرنى چاقىرىپ كىلىپ بىنانىڭ ئاستىغا يەل سېلىنجا سېلىپ جىنايەت  گۇماندارىنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋېلشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.نەخ مەيداندا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسنىڭ ئىدارە باشلقى لەيچاڭلىن بار ئاماللار بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى نىيتىدىن يېنىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدۇرۇشقا  ئۇرۇنغان ھەمدە ۋۇxنىڭ ياخشى دوستى لى xنىمۇ چاقىرىپ ئەكىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتۇرغان.بىر سائەتتىن كۆپرەك نەسھەت قىلىشتىن كىيىن، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنىڭ كەچۈرۈمگە ئېرشەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەن ۋۇx نەسھەتكە پەرۋا قىلماي يەتتىنجى قەۋەتتىن سەكرىگەن. بەخىتكە يارىشا يەل سېلىنجىنىڭ قوغدىشى بىلەن ئۇ ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان.جىنايەت گۇماندارى بىنادىن سەكرىگەندىن كىيىن پەستە قاراپ تۇرغان ساقچىلار دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ئۇنى كونتىرول قىلغان.نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى يۈئەنچېڭ  ساقچى تەرپىدىن قاماققا ئېلىنغان بۇلۇپ، دېلونىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.



خەتكۈچلەر:
25-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek