پەيشەنبە (10-ئاينىڭ 26-كۈنى ) ئامېرىكا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئالدى، شۇڭا پۇل مۇئامىلە بازىرى سودىسى سۇس بولدى، كۆپ ساندىكى پۇللارنىڭ سودىسىمۇ سۇس بولدى. ئاخشام ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى يۆنىلىشى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئامېرىكا 4-پەسىللىك ئىقتىسادىي مۆتىدىل ئاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە ئىقتىساد ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دوللار كۆرسەتكۈچى كۈچىيىپ 100 نۇقتىدىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش خەۋىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، شۇ سەۋەبتىن ياۋرو بېسىمغا ئۇچراپ 1.6000 دىكى ئۆتكەلگىچە تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇنىڭ ياردىمىدە دوللار يۇقىرى ئۆرلىدى. يېقىندا مېيلېن مېييىن مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئومۇميۈزلۈك خەلق پۇلى SDR قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئاجىزلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. كېلەر ھەپتە 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى خەلق پۇلىنى SDR پۇل سېۋىتى ئىچىگە كىرگۈزىدۇ، خەلق پۇلى بۇ ھەپتە يېقىنقى 3 ئايدىكى تۆۋەن ھالىتىنى ساقلاپ قالدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، خەلق پۇلى SDR ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، دوللاردىن باشقا پۇللار ئەڭ چوڭ دائىرىدە بېسىمغا ئۇچرايدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved