(چۈمادوغا خۇمار بولۇپ قالغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ھەقىقىي سەرگۈزەشتىسى)
ئاتا-ئانامنىڭ تەربىيىسىدە پاك ۋۇجۇدۇمدا يامانلىق، ئەخلاقسىزلىقنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ يوق ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ساددا چوڭ بولغانىدىم. قەلبىمگە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ، غەم-ئەندىشىسىز مەكتەپ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم. كۈچلۈك ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇشقا تاقەت قىلالماي تولۇقسىزدىنلا ئىمتىھان بېرىپ، ئۆزۈم كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلغان كەسىپكە ئۆتتۈم ۋە ئاتا-ئانامغا چوقۇم ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىم توغرىسىدا چىرايلىق ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ، 16 ياشنىڭ قارىسىنى ئالا-ئالمايلا باشقا شەھەرگە ئوقۇشقا ماڭدىم.
خىيالىمدىكى مەكتىپىمگىمۇ كەلدىم. يېڭى مۇھىتقا ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ، پۈتۈن زېھنىمنى ئوقۇشقا قاراتتىم. بىراق، مۇساپىر بولمىغۇچە مۇساپىرنىڭ دەردىنى چۈشەنمەيدىغان گەپكەن. ئۆيدىكىلەرنىڭ «بالام، كىشىنىڭ يۇرتىدا جان بېقىش ئاسان ئەمەس، سىز تېخى كىچىك، تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇپ، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك، ھاجىتىڭىزدىن چىقالىغۇدەك بولغاندا ئاندىن كەسىپ ئوقۇڭ» دېگەنلىرىگە كۆنمەي، «مەن دېگەن ئوغۇل بالا تۇرسام، خاتىرجەم بولۇڭلار» دەپ، كەسپىي مەكتەپكە كىچىكلا كېلىۋالغاننىڭ دەردىنى تارتىشقا باشلىدىم: ياتاققا بۆلۈنۈپ بىر كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا، تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ئاتا-ئانامدىنمۇ يەپ باقمىغان مۇشت، كاچاتلار تېخى سەپەرنىڭ ھاردۇقى چىقمىغان زەئىپ تېنىمنى تېخىمۇ ئېزىپ، ناتونۇش شەھەردىكى تۇنجى ئۇيقۇمنى نەلەرگىدۇر قاچۇرۇۋەتتى. ئەس-ھوشۇمنى يىغىپ قارىسام، ئالدىمدا بىر نەچچە لۈكچەك سۈپەت بالىلار تۇرۇپتۇ، يېرىم كېچە بىلەن ھېسابلاشمايلا سۇئال-سوراقلار باشلىنىپ كەتتى. بۇنىڭ نېمە ۋەقە ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئوقۇرمەنلەر بىلىپ بولدى، بۇ دەل ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاتالمىش «يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش» ۋەقەسى ئىكەن.
ئوقۇش ھاياتىم مانا مۇشۇنداق ھارام تاياق بىلەن باشلاندى. بىراق بۇنداق زومىگەرلىك ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمغا ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئوغۇل بالا تۇرۇپ باشقىلارغا بوزەك بولدۇم دەپ ئۆيدىكىلەرگىمۇ ئېيتىپ يۈرمىدىم.
غورۇرۇم كۈچلۈك بولغاچقا، تۇنجى كۈنى ھېلىقى لۈكچەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ گېپىگە كۆنمەي جىق تاياق يەپ كەتكەنتىم. نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلار يەنە «يوقلاپ» كىردى. بىراق پوزىتسىيىسى ئالدىنقىغا ئانچە ئوخشىمىدى. ئۇلار مېنىڭ ئوغۇل بالىدەك مىجەزىمنى ياقتۇرۇپ قاپتىمىش. ئارىدىن بىرى مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق چىقىپ قالدى، بۇندىن كېيىن ياخشى ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ ئۆتۈشنى ئېيتتى، ئۇنداق زومىگەر بۇلاڭچىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى خالىمىساممۇ، ئارتۇق ئۇرۇش-جېدەل بىلەن خوشۇم يوقلۇقى ھەم ياتاقداشلىرىمنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن قول بېرىشىپ ئاغىنە بولۇشتۇم. ئاندىن ئۇلار يەنە باشقا ياتاقتىكى بالىلارنى بوزەك قىلغىلى، يېمەكلىكلىرىنى بۇلىغىلى چىقىپ كېتىشتى. مېنى تارتىشقانتى، ھېرىپ كەتتىم دەپ باھانە قىلىپ قېپقالدىم.
دەرسلىرىمنى يەنىلا شۇنداق ياخشى ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. ھېلىقى «ئاغىنىلىرىم» بىلەنمۇ مۇنداقلا سالاملىشىپ قويۇپ يۈردۈم.
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ، بىر مەۋسۈم ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، تېشىمدا كۈلۈپ چاندۇرماي يۈرگىنىم بىلەن، ئۆينى، ئاتا-ئانامنى، ئەڭ مۇھىمى ماڭا خۇددى بالىلار باغچىسىدەك بىخەتەر تۇيۇلىدىغان يۇرتۇمنى بەكمۇ سېغىندىم…
تەتىلىمىز توشۇپ، مەكتەپكە يەنە قايتىپ كەلدىم. ئەمدى مېنى ھېچكىم بوزەك قىلمايدۇ، دەپ ئويلىدىم، چۈنكى مەن ئەمدى مەكتەپكە كونىراپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى بۇلاڭچىلار بىلەن شەكىلگە بولسىمۇ ئاغىنىدارچىلىقىم باردە؟ ئىككىنچى مەۋسۈمدىن باشلاپ ئۇلار مېنى پات-پات ئىزدەيدىغان، سىرتلارغا چىقىپ ئويناپ كېلىشكە چاقىرىدىغان بولۇۋاالدى. لېكىن مەن خەنزۇچە سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىنى، بىرىنچى يىلىمنى چىڭ تۇتۇپ خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇلار نەگە دېسە شۇ يەرگە بارىدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، ئاران قۇتۇلاتتىم، بەزىدە تېخى مەندىن رەنجىپمۇ قالاتتى. مۇشۇنداق باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئىككىنچى مەۋسۈمنى خاتىرجەم تۈگىتىۋالدىم.
مانا، ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ كەسىپكىمۇ چۈشتۈم. بىر كۈنى، سالاپەتلىك بىر ئەر ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىردى، ئۇ ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، بۇندىن كېيىن بىزگە مەلۇم پەننىڭ ئەمەلىيەت دەرسىنى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى، ئۇ سۆزلەۋېتىپ يېنىمدىن ئۆتكەندە، تېنىدىكى ئىسپىرتنىڭ ئاچچىق پۇرىقىدىن بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى. كېيىن ھېلىقى بۇلاڭچى ئاغىنىلەرنى ئۇ ئوقۇتقۇچۇم بىلەن پات-پات بىللە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ مېنى چاقىرىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزۈمنى دەرھال چەتكە ئالاتتىم. ئىچىمدە «مەكتەپتە شوخ بالىلارنىڭ بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دوستلاردەك ئۆتەلەيدىغان ئىشى راستكەندە» دەپ ئويلايتتىم.
كەسپىمنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدىم. چارچىغىنىمدىن، دەرستىن چۈشۈپ كارىۋىتىمغا ئارانلا ئۈلگۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. مەۋسۈمنىڭ بېشى بولغاچقا، ھېلىقى بۇلاڭچىلار يەنە ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى. بۇنى ئەلۋەتتە باشقا ياتاقلاردىكى ھەر خىل ۋارقىراش، بۇيرۇق چۈشۈرۈش، يېلىنىش، يىغلاپ نالە قىلىشلاردىن ئاڭلاپلا بىلگىلى بولاتتى. بىر چاغدا بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكى چېكىلدى. خېلى كەچ بوپكەتسىمۇ، ئامالسىز ئىشىكنى ئاچتۇق. ھېلىقى يۇرتلۇقۇم كىرىپ گېپىنى چالىلا قىلىپ، قولۇمدىن تارتىپ سىرتقا ماڭدى. مەن تۇرۇۋالسام، ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى، «كەسىپكە چۈشۈۋالسام نەگە دېسەڭلار شۇ يەرگە بارىمەن دېگەن گەپنى سەن دېگەنمۇ يا؟ يۇرتداش دەپ يۈزۈڭنى قىلسام ئاغىنىلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمنى قىلمامسەن؟» دەپ توختىماي سۆزلەپ بۇرنۇمنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى، قارىسام ئۇمۇ ئىچىۋالغاندەك تۇراتتى. بىر مەۋسۈمنىڭ ئالدىدا بۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇنداقلا مەيدەمگە ئۇرۇپ دەپ قويغان گېپىم ئەمدى بالا بولدى. مېنى گېپىدە تۇرمايدىكەن دەپ قالمىسۇن دېدىم، ھەم مەست بىلەن تاكاللاشقۇچە چىقىپلا كىرەيچۇ دەپ، نەگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيلا ئۇلار بىلەن ماڭدىم. ھەممىسىنىڭ قولى ئولجا ئالغان مېۋە، نانلار بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. شۇ ماڭغانچە ياتاق بىناسىدىن، ھەتتا مەكتەپ دەرۋازىسىدىنمۇ بىمالال چىقىپ كەتتۇق، ئادەتتە بىزنى سىرتقا چىقارمايدىغان ئىشىك باقارلار يولىمىزنى توسۇپمۇ قويمىدى. ئەمدى بىلسەم، بۇلار ماكتەپنى سورايدىغانلاركەن. يۇرتدىشىم نېمە سورايدىغانلىقىمنى بىلگەندەكلا، مۈرەمگە ئېسىلىپ :«بۈگۈن كەچ سېنىڭ ئارىمىزغا قوشۇلغىنىڭنى تەبرىكلەپ راسا تاماشا قىلماقچى، يەنە تېخى سەن كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان، لېكىن ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىرسى بىلەن كۆرۈشتۈرىمىز، ئۇ بىزنىڭ ئاكىمىز، سورۇنىمىزدا ئۇ بولمىسا ھېچنېمە قىزىمايدۇ…» دەپ جىقلا سۆزلەپ، ئاچچىق ھاراق پۇرىقىنى ئىچ-ئىچىمگە ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئازراق مېڭىپ بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق.
مەن «ئوغۇل بالىدەك» قىلغان بىر ئېغىز گېپىمنىڭ بەدىلىنى مانا شۇ كېچىدىن باشلاپ تۆلەشكە باشلىدىم. گۈلدەك چېغىمدىكى بەش ياپرىقىمنىڭ ۋاقىتسىز تۆكۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغان شۇ زۇلمەتلىك كېچە!!!
بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئېلىپلا، ناھايىتى تونۇش بىر چىراينى ــ ھېلىقى سالاپەتلىك ئەر ئوقۇتقۇچۇمنى (ئىسمىنى تىلغا ئالغۇم يوق) كۆردۈم. شۇئان ئۆزۈمنى خۇددى دوزاخنىڭ ئىشىكىدىن كىرگەندەك ھېس قىلدىم، چۈنكى ئۆي ئاچچىق ھاراق پۇرىقى ۋە قويۇق تاماكا ئىسى بىلەن تولۇپ كەتكەن، بايا كېلىۋاتقاچ يۇرتدىشىم نېمىلەرنى دەپ كەتتى، بۇنچە كەچتە مەكتەپتىن قېچىپ يۈرۈپ تۈزگەن بۇنداق سورۇن يەنە قانچىلىك بولماقچىتى؟ يەنە كېلىپ ماۋۇ تەييارغا ھەييار بولىدىغان بۇلاڭچىلار بىلەن. ھە…ئەمدى چۈشەندىم، بۇ ئوقۇتقۇچى بۇلار بىلەن دائىم مۇشۇنداق سورۇن تۈزۈپ ئىچىشىپ ئولتۇرىدىكەندە؟ ئۆتكەندە ھەممىسىنى بىللە ئۇچراتقىنىم بىكار ئەمەسكەندە؟ لەنەت! سەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇڭمۇ؟… مۇشۇلارنى ئويلىغاچ ئىشىك تۈۋىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىگە قادىلىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى سەزمەپتىمەن. يۇرتدىشىم مۈرەمگە بىرنى ئۇرۇپ خىيالىمنى چېچىۋەتتى. مەن شۇ چاغدا كەينىمگە بۇرۇلۇپلا بۇ دوزاختىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى ئويلىدىم، لېكىن يەنىلا غورۇرۇم كۈچلۈك كەپقېلىپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە قېلىشتىن ئەنسىرىدىم. ئوقۇتقۇچى غەرق مەست بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە ئۆزىنى ئوڭشاپ مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ھەممىمىز ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتۇق. ئوقۇتقۇچى بىرسىگە پۇل تەڭلىۋىدى، ئۇ چىقىپ كېتىپلا بىر يەشىك ھاراق كۆتۈرۈپ كىردى. ئۇلار مېنى ھاراققا زورلاشقا باشلىدى، ئىچمەيمەن دېگىنىمنى بىلىمەن، ئوقۇتقۇچى مەيدەمگە بىرنى تېپىپ تامغا چاپلىۋەتتى. ئاغرىقتىن قېقىلىپلا كەتتىم. يۇرتدىشىم كېلىپ مېنى يۆلىدىمۇ ياكى كۆتۈرۈپ يەنە بىر تاشلىدىمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ناھايىتى قوپال، ئۇ قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ :«ئۇكا، ھېلىمۇ ساڭا بەك كەڭچىلىك قىلىۋەتتۇق بىز، بىز ئەزەلدىن بىرەر شوركىنىڭ رايىغا بۇنداق بېقىپ باقمىغان، ئاقماس ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ نەچچە قېتىملىق سورۇننى يوققا چىقاردىڭ، ئەمدى ئاكىمىزنىڭ قولىنى ياندۇرۇۋاتامسەن؟ بىز ئايىغان بىلەن ئاكىمىز ئادەم ئايىمايدۇ جۇمۇ! سورۇننىڭ يۈزى بۇ، كىمدىن يوشۇراتتىڭ ئۆزۈڭنى! ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئىچمەي نېمە قىلاتتىڭ؟ بىر دەم تۇرۇپ تاماكىمۇ چېكىسەن تېخى، ئاندىن ئاسماندا ئۇچىسەن، ۋاھ ۋاھ! ھەجەپ ئېسىمگە كەپقالدى، ھازىرلا يەپ بالدۇرراق ھوزۇرلىنايلىچۇ ئاكا، بۇ كىتاب خالتىسى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزنى كۆرۈپ ئاندىن قىزىيدىغان ئوخشايدۇ. مانا كەتتى! يەڭلا ئۇكىلا! بۇ ئاكىمىزنىڭ سوۋغىتى!» دەپ بىر دەم ماڭا، بىر دەم ئۆزىگە، بىردەم ياۋۇز ئوقۇتقۇچى بىلەن ئىنىلىرىغا سۆزلىگەچ، يانچۇقىدىن جىقلا قېپى يوق دورىنى چىقىرىپ، ئەتراپتىكىلەرگە تۆت-بەش تاختىدىن بەردى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىغا نەچچە تاختا دورا بۇرۇنلا تەييارلاپ قويۇلغانىكەن. ئۇلار خۇددى غالجىر ئىت سۆڭەككە ئېتىلغاندەك، دورىنى قولىغا ئېلىپ سۆيۈپ، ئاسمانغا ئېتىشىپ كەتتى. لېكىن ھېچقايسىسى دورىنى يىمەي، ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈۋاتقاندەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشاتتى. ئوقۇتقۇچى ئىسكىلىت شاھتەك شۇنداق سەت كۈلدى ۋە مېنى تارتىپ ئۈستەلگە يېقىن ئەكىلىپ :«سەن سۈرمىگەن ھوزۇر تېخى ئالدىڭدا، ئوغۇل بالا دېگەن ھەممىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك، مانا ماۋۇلاردەك بولۇشۇڭ ئۈچۈن خوشە!» دەپلا بىر بوتۇلكا ھاراقنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى. مەن ئەمدى تاياق يىسەم تۇرالماسلىقىمنى پەملەپ، كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ :«خوشە!!!» دەپ ۋارقىراپ، ئىچىمدىكى بارلىق ئاچچىقىمنى چىقاردىم. تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋىمدە :« ئوغۇل بالا! بالدۇرلا شۇنداق قىلىدىغان ئىشتى! ھە، ئەمدى بولدى! يارايسەن! خوشە!…» دېگەندەك ۋارقىراشلار ئاڭلاندى. سورۇن رەسمىي باشلىنىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنىڭ سەتلىكىدىن، ئېغىزىغا ئىككى تال كېسەك قويسا ئوبۇرنى بولاتتى.
ھاراقلار ئىچىلىپ، ئۈستەل قۇرۇقدىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ماڭا بايىقى دورىدىن بىر تاختا ئۇزاتتى، مەن نېمە دورىلىقىنى بىلمەي كۆزۈمنى ئۇۋۇلاپ دورىنىڭ ئىسمىنى ئىزدەۋاتسام، يۇرتدىشىم ئۆزگىرىپ كەتكەن زەئىپ ئاۋازى بىلەن :«بۇ… دۇنيادىكى… جەننەت…، سېنى… ئاسماندا… لەيلىتىدىغان…ئۇچ…ئۇچار گىلەم…، خى… خىيالىڭدىكىنى… پەيدا… قىپ… بېرىدىغان… ئې… ئېچىل داس… تى…خان… ھا…ھا…ھا… چۈمادو دېگەن دەل ئۆزى! قانداق دېدىم ئاكا؟ ھە؟…» دەپ ھىجىيىپ كەتتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ماختىشىپ كېتىشتى. مەن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمە، ھەم ھېچ يېرىم ئاغرىمىسا نېمىشقا دورا يەيمەن دەپ ئويلاپ، دورىغا قاراپ بېشىمنى چايقاپ ئولتۇردۇم، گەپ قىلغۇدەك ھالىم قالمىغان، ھەم گەپ قىلساملا يەنە تاياق يەيدىغىنىم ئېنىق ئىدى. ئوقۇتقۇچى دورىنى يە دېگەندەك، ماڭا ئىشارەت قىلدى، ئەتراپىمغا قارىسام، باشقىلار ئاللىبۇرۇن ئاچقالغان بۆرىدەك يەپ ھېچنېمىسىنى قويماپتۇ. بىر دەمدىلا، ئۇلار بەدەنلىرىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ خۇددى ساق ئادەملەردەك ئولتۇرۇپ كېتىشتى. ئوقۇتقۇچى ماڭا قاراپ :« قارا ماۋۇلارغا، يەۋەتسەڭ بىردەمدىلا ئەركىن-ئازادە بوپقالىسەن. بەدىنىڭدىكى پۈتۈن ئاغرىقلار يوقايدۇ، مەسىلەن، باش ئاغرىقىڭ، بايىقى تېپىك يىگەن يېرىڭ، ھەممىسى يوقلا بوپكېتىدۇ، ئاندىن تاماكىدىن بىر نەچچىنى چېكىۋېتىسەندە، بولدى، بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ھوزۇرنى كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپالمايسەن ئۇكام. ھە، ئەمىسە» دەپلا، قولىغا چىقىرىپ تەييار قىلىۋالغان ئون نەچچە تال دورىنى ئاغزىمغا بىراقلا تىقىۋەتتى، دورىنىڭ ئاچچىقلىقىدىن جېنىم چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. بۇ ئاچچىقنىڭ ئالدىدا ھاراقنىڭ ئاچچىقى بىر چەتتە قالسۇن، دات! لېكىن دورىنى تۈكۈرۈۋېتىشكە پۇرسەتمۇ بەرمەي، كەينىدىنلا ئېشىپ قالغان نانلارنى تىقىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ بىر خىل شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ دورىنى يەپ، ۋەزىپەمنى تۈگەتتىم. مەن ئۈچۈن ھازىر تاياق يىمىسەملا، نېمە قىلسام مەيلى ئىدى، چۈنكى بايا تەگكەن قاتتىق بىر تېپىك ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر تاياق بولغانىدى. ئاچچىق تەمگە چىدىماي، ھېچقانداق زورلاشسىزلا تاماكىدىن ئىككىنى ئۇلاپ چېكىۋەتتىم. تاماكنىڭ تۇمانلىرى ئىچىدە ئەتراپىمغا سەپسالدىم: ئوقۇتقۇچى چۈمادونى مەززە قىلىپ يەۋاتقان، ئەتراپىمدىكىلەر بىر-بىرى چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان…
ئوقۇتقۇچى :«قانداقكەن؟ سېنى ئالداپتىمىزمۇ؟» دېگەندەك نەزەردە ماڭا قارىغاچ، داۋاملىق دورا يەۋاتاتتى. دېمىسىمۇ، بەدىنىمدە ھېچقانداق ئاغرىق سېزىمى قالمىغان، شۇنداق يېنىكلەپ قاپتىمەن.
ئەتىسى سەھەردە ئويغانسام قۇسۇقلارغا مىلەنگەن ھالدا يەردە يېتىپتىمەن، چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. باشقىلار تېخىچە ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتاتتى، لېكىن ھېچقايسىسى مەندەك مەينەتچىلىك ئىچىدە قالماپتۇ، قارىماققا بۇلار تولا ئىچىپ، بەدىنى ھاراققا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. بېشىم تاشتەك ئېغىر، ئاران ئۆمىلەپ بېرىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ كىيىمىمنى سۈرتتۈم. ئوقۇتقۇچى كۆرۈنمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك سىنىپقا چىقىپ كەتتىم.
بارغانسېرى دەرس خوشياقمايدىغان، بەدىنىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئاغىنىلەردىن چۈمادونىڭ ئىسمىنى قايتا سورىسام، ئۇلار ئۆزىدىكىنى بەردى، يەۋالغاندىن كېيىن يەنە نورمال ھالىتىمگە قايتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ، ھېلىقىدەك سورۇن نەچچە كۈندە بىر قېتىمدىن، كۈندە بىر قېتىمغا ئۆزگەردى، ئاغرىق ئازابىنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇش ئۈچۈن باش تارتماي كىرىدىغان بولدۇم. بارغانسېرى تۇرمۇش پۇلۇم يەتمەيدىغان، مەنمۇ ئاغىنىلەر بىلەن بىرلىشىپ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى بۇلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئاخىرىدا مەن سىنىپتا چورتلا يوق، ھەپتىلەپ سورۇندا، تورخانىدا قونۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم، ئىشقىلىپ ئاغىنىلەر بىلەن بىللە. ئوقۇتقۇچىمىز ئەسلى ئىچى پۇشسىلا ئادەم ئۇرىدىكەن، كېيىن ئۇنىڭ ئادەم ئۇرغۇسى كەلگەندە، بىز چۈمادونى بولۇشىغا يەپ ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان بولدۇق. چۈنكى چۈمادونى يىگەندىن كېيىن بىرسى ئۇرۇۋاتامدۇ ياكى پەپىلەۋاتامدۇ، ھېچقانداق پەرقى يوق، بەدەنگە ھېچنىمە ئۆتمەيدىكەن ئەمەسمۇ. ئوقۇشنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىرلىشاي دېگەندە، يامان نامىمنىڭ چىققىنىدىن مەكتەپتە مېنى تونۇمايدىغانلار قالمىدى. ئۆيدىكىلەر مېنى ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ، تولۇق كۇرسنى قوشۇپ بىراقلا بەش يىل ئوقۇپ كېلىدۇ، دەپلا ئويلايتتى. مەكتەپتىن چارە كۆرىمىز دېگەندە، شۇنچە بالىلارنىڭ ئالدىدا تەكشۈرۈشنامە يېزىشقا يۈزۈم چىدىماي، كېسەلنى باھانە قىلىپ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە سورۇن تۈزدۇق. بۇ قېتىم ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قولىدا مەن ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر نەرسىنى ــ شىپرىسنى كۆرۈپ قالدىم! ئۇ ئۆزىگە ئوكۇل ئۇرۇۋاتاتتى، قورققىنىمدىن بەدىنىمدىن تەر چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ماڭا قاراپ دەلدەڭشىپ كېلىۋاتقىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن، ئۇ ماڭا ئىككى قەدەم قالغاندا ھۇشۇمنى يىغىپ قاتتىق ۋارقىرىدىم-دە، ئۆزۈمنى ئىشىككە ئاتتىم. شۇ قاچقانچە بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە ئېيتىشقا پېتىنالماي، مەكتەپ بىلەنمۇ ئالاقىلاشماي يۇرتۇمغا كەتتىم.
مەكتەپ ھاياتىم مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتى. كېيىن ئۆيدىكىلەر مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىمىز دېگەندە، مەن دورىغا كۆنۈپ قالغىنىمدىن باشقا ھەممە ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتتىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ، كۆز ئالدىدىن يىراق كەتمىسەملا نېمە دېسەم شۇنى قىلىپ بېرىدىغان بولدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەن تېخىمۇ يۈرەكلىك بولۇپ كەتتىم-دە، خالىغانچە پۇل سورايدىغان بولدۇم، باشقا ئارتۇق ئىشىم بولمىغاچقا، ئاتا-ئاناممۇ پۇلدىن قىسمىدى.
شۇ تەرىقىدە يەنە ئۈچ يىل چۈمادو يېيىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئارىلىقتا دادام قاتناش ۋەقەسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. كېيىن ئاپام بارغانسىرى ئورۇقلاپ تاماقتىن قالغىنىمنى سېزىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، دوختۇرلار مېنىڭ جىگىرىمنىڭ قېتىشقا باشلىغانلىقىنى، بۆرىكىم بىلەن ئاشقازىنىمنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، بىراق نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىمنى (كېسەللىك سەۋەبىنى) بىلەلمىدى. مەن ئاپامنىڭ ماڭا قاراپ تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىدىيالمىدىم، ئاخىرى ھەممە ئەھۋالنى ئاپامغا ئېيتىپ، قاتتىق پۇشايمان ئىچىدە زار-زار يىغلىدىم. ئاپام بالا پىراقىدا قاتتىق قايغۇرۇپ نەچچە كۈن ئۇخلىيالمىدى، بۇنى كۆرۈپ قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارتتىم. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۈرۈمچى يارپ دوختۇرخانىسىنىڭ بۇ خىل كېسەللەرنى داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرلىقىنى بىلىپ، يارپ دوختۇرخانىسىغا ئالمىشىپ داۋاملىق داۋالاندىم. داۋالاش جەرياندا بەزىدە خۇمارىم تۇتۇپ كۆزۈمگە ھېچنېمە كۆرۈنمەي قالغان چاغلارمۇ بولدى، بىراق مەن قەتئىي ئىرادە بىلەن، دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشىدا ئاستىدا، ئاخىرى چۈمادونى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلىدىم.
چۈمادونى تاشلىغاندىن بېرى ئۆزۈمنى شۇنچلىك يەڭگىل ھېس قىلىدىغان بولدۇم، بىراق 17 يېشىمدا كۆرگەن ئاشۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ مېنى بەش يىل ئۆز چاڭگىلىغالىغا ئېلىۋالغىنىنى، «ئوقۇتقۇچى» نامىدىكى ئاشۇ ھايۋاننىڭ ماڭا بىلىمنىڭ ئورنىغا زەھەر بەرگىنىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇيالمايمەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرى، Honmura باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك كىتابنىڭ ئورنىغا تاختا كومپيۇتېرنى ئالماشتۇرۇپ دەرس ئاڭلىماقتا.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved