بارسېلونا كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت 19:00 بولغاندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 26-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانى نوكامپۇردتا ۋاللىكانو كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. سۇئارىز تۇنجى توپنى كىرگۈزدى. پىك ئارقىدىن توپ كىرگۈزدى. مېسسى قالپاق كەيدى. ئاخىرىقى ۋاقىتتا بوئېنو نۇقتا توپ ئارقىلىق بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. سۇئارىز ئاخىرىدا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. بارسېلونا كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 6-1 نەتىجە بىلەن ۋاللېكانو كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بولدى. ( خان مادرىد كۇلۇبىدىن بىر نومۇر ئارتۇق.)

 

مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغاندا شاۋى ياردەمچى پاس بەردى. سۇئارىز سەكرىتىپ بىر توپ كىرگۈزدى. بارسېلونا 1-0 ۋاللېكانو.

 

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-0 ئاخىرىلاشتى. 

 

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 48- مىنۇتتا بارسېلونا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، پىك ۋاراتار ئالدىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزدى. بارسېلونا 2-0 ۋاللېكانو.

 

55- مىنۇتتا بارسېلونا كۇلۇبىدىن سۇئارىز چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە يېقىتىۋېتىلدى. مېسسى تەپكەن نۇقتا توپ ۋاراتار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. رېپىر قايتا تېپىشكە بۇيرىدى، مېسسى كىرگۈزدى. بارسېلونا 3-0 ۋاللېكانۇ.

 

63-مىنۇتتا سۇئارىزنىڭ تەپكەن توپىنى ۋاراتار چىقىرىۋەتتى، مېسسى ئەگىشىپ كېلىپ توپنى كىرگۈزدى. بارسېلونا 4-0 ۋاللېكانو.

 

69-مىنۇتتا مېسسى ئۆزى توپ ئېلىپ كىرىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ قالپاق كەيدى. بارسېلونا 5-0 ۋاللېكانو.

 

80- مىنۇتتا ئارۋىس چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. ۋاللېكانو كۇلۇبىدىن بۇئېنو نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. بارسېلونا 5-1 ۋاللېكانو.

 

89-مىنۇتتا مېسسى ياردەمچى پاس بەردى. سۇئارىز توپنى كىرگۈزدى. بارسېلونا كۇلۇبى 6-1 ۋاللېكانو.

 

مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. بارسېلونا كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 6-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بولدى.

 

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن مېسسى ۋە سۇئارىز تولۇق 10 نومۇرغا ئېرىشتى.



خەتكۈچلەر:
08-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇتبول تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek