يەر شارى خەۋەر تورى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە بىخەتەرلىك قىىسملىرى بىلەن تالىبان قۇراللىقلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قۇراللىق توقۇنۇشتا 6 نەپەر تالىبان قۇراللىقى ئۆلتۈرۈلدى. كاراچى ساقچى باشلىقى ئەنۋەر مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، كاراچى شەھىرىنىڭ سائادى توۋن رايۇنىدىكى بىر ئۆيدە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ بايقالغانلىقى پاش قىلىنغاندىن كېيىن مەزكۇر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئەنۋەر، ساقچىلارغا تەسلىم بولۇشنى خالىمىغان گۇماندارلار قول بومبىسى ئىشلىتىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى، توقۇنۇش نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن 6 كىشىنىڭ پاكىستان تالىبان تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، دېدى.
ئەنۋەر، ئۆلتۈرۈلگەن قۇراللىقلارنىڭ ئارىسىدا بىر قانچە ئاي ئىلگىرى شىمالى ۋەزىرىستاندا ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغان ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن كاراچىغا كەلگەن پاكىستان تالىبان تەشكىلاتنىڭ مۇھىم خادىمى «ئەھمەد» نىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ غەربى شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايۇنىدا تالىبانغا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم تەشكىلات ئەزالىرى بىر قانچە چوڭ شەھەرلەردە پاناھلىنىۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
كاراچى شەھىرىدە يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە قۇراللىقلار بىلەن ساقچى قىسىملىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشلاردا تەخمىنەن 150 نەپەر قۇراللىق ئۆلتۈرۈلدى، 20 گە يېقىن ساقچى خادىمى ئۆلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved