جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
يەرلىك بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ئارمىيەسى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈن ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغاندىن كېيىن ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادقا يېقىن يەردىكى بىر بازارنى قايتۇرۇۋالغان.
ئىراق ئارمىيەسى، شىئە ۋە سۈننىي مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى شۇ كۈنى سەھەردە پايتەخت باغداتنىڭ غەربىگە 80 كىلومېتىر كېلىدىغان خابانىيا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن يولغا چىقىپ، رامادىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. رامادنىڭ شەرقىگە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان شەرقىي قۇسەيباي بازىرىدا ئىراق ئارمىيەسى بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى شۇ جاينى ئىگىلەپ تۇرغان ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، ئاخىردا بۇ بازارنى تارتىۋالغان.
بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئىراق ئارمىيەسى رامادغا ھۇجۇم قىلىش ھەربىي پىلانىنىڭ بىر قىسمى. ھازىر ئىراق ئارمىيەسى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى خابانىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا داۋاملىق يىغىلىپ، رابادقا ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved