جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، نيۇ يورك، 2-مارت تېلېگراممىسى. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكىنىڭ 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىشى مۇمكىن. «ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون ۋە ئۇنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى، دېموكراتىك پارتىيەگە ياردەم بەرگۈچىلەرگە ئۆزىنىڭ مۆلچەردىن بۇرۇن يەنى 4-ئايدا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ دېموكراتىك پارتىيە ئىچىدىكى ئېنىقسىزلىقنى ئازايتىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەبلەغ يىغىشىنى تېزلىتىدۇ.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتىك پارتىيە ئىچىدىكى 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە قاتناشقۇچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىلارىنىڭ ياردەمچىسى شەخسىي ئۇچراشقاندا ۋاقىت جەدۋىلى ھەققىدە سۆزلەشكەن. لېكىن ھىلارى ئىستىھكامىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا دەسلەپكى مەزگىلدىكى رىقابەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يازدا جاكارلاش تەكلىپىنى بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved