يەر شارى تورى خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلار سوتلانغان داۋادا 17 كىشىگە 10 يىلدىن 25يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. سوت دائىرلىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سۈۋەيىش ھەربىي سوت مەھكىمىسى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» غا ئەزا بولۇش ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىش جىنايىتى بىلەن قاراپ چىقىلغان داۋادا15 نەپەر كىشىگە سوت ئاچتى، بۇ جىنايەتچىلەر ئاقلاش ئورنىغا ئىتلىماس قىلسا بولىدۇ. پرېزىدېنت سىسىنىڭ 2014-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا چىقارغان قانۇنغا ئاساسەن، خەلق ئىدارلىرى ۋە قۇرۇلۇشلار ھەربىي ئورگانلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدۇ، بۇ رايۇندا ھەرىكەت قىلغان بارلىق كىشىلەر ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ. مىسىردا 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت، ئۆتكەن يىلى دىكابىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «تېرور تەشكىلاتى» دەپ ئىلان قىلغان ئىدى. سوت مەھكىمىلىرى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن سوتلانغان ھەربي ئۆزگىرىشكە قارشى يۈزلىگەن كىشىلەرگە تۈرلۈك جازالار بەردى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved