بېيجىڭ ۋاقتى 17- دېكابىر سەھەردە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى فېدېراتسىيە تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرۈپ، %0.25 تىن %0.5 كىچە بولغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئېلان قىلدى. بۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ توققۇز يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى ھېسابلىىندۇ.ئىقتىساد يەر شارىلاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش «ئۆتۈكى» يەرگە دەسسىدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ يەر شارى بازىرىدا داۋالغۇش كۆرۈلدى. ئەمما بىزنىڭ ئەڭ ئۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىقمۇ ياكى پايدىسىزمۇ؟ جۇڭگونىڭ پاي بازىرى، ئۆي بازىرىغا زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
1. خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈش بېسىمى ئاشىدۇ، ئەمما زەربە بىر قەدەر ئاجىز
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ فېدېراتسىيە تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى ئامېرىكا دوللىرى زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق كاپىتالنى ئاسىيا پۇللىرىغا مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كېچىلىپ، ئامېرىكا دوللىرىغا مەبلەغ سېلىنىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئاسىيادىكى پۇللارنىڭ كۇرسى چۈشىدۇ.
يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇشتا قىممىتى چۈشۈپ كەتتى، بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسلىق بېسىم ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان كۈچلۈك تەقەززادۇر، ئەمما يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈشى دەل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىگە قارىتا ھەزىم قىلىشتۇر، يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئالدىن ھەزىم قىلىندى.
2. جۇڭگونىڭ پاي بازىرىغا بەلگىلىك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ
نۆۋەتتە، يەر شارى پاي بازىرى يېقىندىلا بىر مەيدان «زور داۋالغۇش» نى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى كىشىلەرنى دىر- دىر تىترەتتى. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىش، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈش مۆلچەرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئا پاي بازىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تارىخىي سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 1994- يىلىدىن بۇيانقى ئۈچ قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش جەريانىدا، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى ئۆسۈم قوشقاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە تۆۋەنلىگەن. ئەمما بۇ بەلكىم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئامىللار بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى 1994- يىلى ۋە 2004- يىلى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشتىن ئىلگىرىلا، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرغانىدى.
ئەمما ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۆسۈم قوشۇشنىڭ ئاساسى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدۇر، يەنى قىسقا مەزگىلدە پاي بازىرىدا شۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن داۋالغۇش كۆرۈلسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلانسا، كارخانىلارنىڭ پايدا مۆلچەرى ئۆرلىسە، پاي بازىرى يەنىمۇ ياخشىلىنىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، پاي بازىرى ھامان كىشىلەرنىڭ مۆلچەرىنىڭ مەھسۇلى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆسۈم قوشۇشىنى «پايدىسىز ئامىلنىڭ تۈگىشى» دەپ قاراشقا بولىدۇ، بۇ ئەھۋال ئەكسىچە ئا پاي بازىرىنىڭ تاشقى مەبلەغ جەلىپ قىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەملىكىتىمىزدىكى كاپېتال تۈرلىرى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلمىگەچكە، چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئا پاي بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنىمۇ كۆزدە تۇتۇش كېرەك. شۇڭا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىنىڭ ئا پاي بازىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان مەبلەغ ئېقىپ كېتىش بېسىمى بىر قەدەر چەكلىك.
3. جۇڭگونىڭ ئۆي- مۈلۈك بازىرىغا زەربە شەكىللەندۈرىدۇ، ئەمما تەسىرى چوڭ ئەمەس
ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۆي- مۈلۈك بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىنىدىغان ۋەزىيەتنى كۆرگىلى بولماس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چەتئەل مەبلىغىنىڭ جۇڭگو ئۆي- مۈلۈك بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئىككى يىل ئىلگىرىلا باشلانغانىدى. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2012- يىلى، ئۆي- مۈلۈك بازىرىدا چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ ئومۇمىي مەبلەغدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %2.5 ئىدى، 2014- يىلى بۇ نىسبەت %0.5 كە چۈشۈپ قالدى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئۆي- مۈلۈك بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن، شۇڭا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئانچە چوڭ ئۇچرىمايدۇ. ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغنىڭ ئۆي- مۈلۈك كەسپىدىن ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ بەلگىلىك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
ئۇنداقتا ئۆسۈم قوشۇشنىڭ تەسىرىدە، خەلق پۇلى كاپېتالى چەتئەل بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئاتلىنامدۇ، ھەمدە شۇ سەۋەبتىن دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي- مۈلۈك بازىرىنىڭ ئاساسىغا زەربە يېتەمدۇ؟ بۇ سوئالغا «ئۇنداق بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ ھازىرقى تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىدە، خەلق پۇلىنىڭ كاپېتال تۈرلىرى ۋە سودا تۈرلىرىدىكى ئالماشتۇرۇلۇشىنىڭ ھېلىھەم دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ شەخسىي پېرېۋوت سېتىۋېلىش سوممىسى يىلىغا ئاران 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن چەكلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلق پۇلىنى سىرتقا پېرېۋوت قىلىشمۇ ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، نۆۋەتتىكى تۈزۈلمىگە ئاساسەن، دۆلەت تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان كارخانىلار سىرتقا بىۋاسىتە مەبلەغ سالغاندىن سىرت، خەلق پۇلى مۈلكى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى ھەرگىزمۇ يۈز بەرمەيدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved