تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 25-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈننىڭ كىرىستان شارچىنى بىرلىكتە قوزغىتىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تور سۇپىسى رەسمىي ئېچىلدى .
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ، پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ساغلام بولغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تور سۇپىسى بەرپا قىلىپ ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن تەڭرىتاغ تورى بىرلىكتە ‹‹خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تور سۇپىسى ›› مەخسۇس سەھىپىسىنى تەسىس قىلدى .
ئىگىلىنىشىچە ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تور سۇپىسىدا ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر، خەلق قۇرۇلتىيى مۇنبىرى ، ۋەكىللەر خىزمىتى ، فىلىملەر ، ۋەكىللەر پائالىيەتلىرى ، ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەت ، ۋەكىللەر باياناتى قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان .
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ ، جاپپار ھەبىبۇللا ، ما مىڭچېڭ ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ، مۇتەللىپ قاسىم ، ھۆرىگۈل جاپپار ، دوڭ شىنگۇاڭ ، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved