رىۋايەتلىك توپچى ھېنرى پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر ئەۋلاد رىۋايەتلىك توپچى ھېنرى ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا رەسمىي ھالدا پۇتبولچىلىق ھاياتىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە ھاۋا بوشلۇقى تەنتەربىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا چۈشەندۈرگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 

ھېنرىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلغان باياناتى:

20 يىل كەسپى پۇتبول تەپكەندىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرشنى قارار قىلدىم. مېنىڭ بۇ 20 يىللىق كەسپىي ھاياتىم ھەقىقەتەن ئەقىلغا سىغمۇدەك دەرىجىدە ئۆتتى. موناكو كۇلۇبىدىن باشلاپ يۇۋىنتىس، ئارسېنال كۇلۇبىغىچە، بارسېلونا، نىيۇ يورك قىزىل كالا كۇلۇبى ۋە فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغىچە بولغان بۇ پۇتبولچىلىق ھاياتىمدا مەن مېنىڭ سەپداشلىرىم ۋە مېنىڭ توپ مەستانىلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. پەقەت سىلەر بولغاچ مېنىڭ پۇتولچىلىق ھاياتىم مۇشۇنداق ئالاھىدە ئۆتتى.

 

ھازىر باشقا بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى سىناپ باقىدىغان ۋاقىت كەلدى. مەن يەنە لوندونغا قايتىمەن. مەن ھاۋا بوشلۇقى تەنتەربىيىسىگە قوشۇلدۇم. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال. بىر باھالىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن توپ مەستانىلىرىگە مېنىڭ پۇتبولغا بولغان كۆز قارىشىم ۋە پىكىرىمنى ھەمبەھىرلەيمەن. 

 

مېنىڭ كەسپىي ھاياتىم بەك قالتىس ئۆتتى. مەن بۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالدىم. مېنىڭ پۇتبول ھاياتىم سىلەرگىمۇ ھۇزۇر ئاتا قىلالىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

خەير خوش دوستلار. كېيىن يەنە كۆرىشىمىز.

 

ھېنرى مىكرو بىلوگىدا يۇقىرىقى باياناتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ھېنرىنىڭ بىلوگى ئاستىغا ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى قالدۇرۇشتى. نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى كۆز يېشى قىلىشىپ ھېنرىنى پۇتبول ساھەسىدىن ئۇزىتىپ قويدى. 



خەتكۈچلەر:
17-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek