مەن 11 – ئىيۇل سائەت 9 لار بىلەن قەشقەر شەھىرى كوزىچى يار بېشىدا ئولتۇرۇشلۇق كۇلالچى ئۆمەر ئەلى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رامىزانلىق تۇرمۇشىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. ئۆمەر: مەن ئەتىگەندە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 00:2 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، 30:4دا مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇيمەن، قايتىپ كېلىپ ئازراق ئۇخلىۋالىمەن، ھازىر خۇمداندىن ساپال بۇيۇملارنى چىقىرىشقا ماڭدىم، دېدى. ئۆمەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئانىسى، خوتۇنىمۇ روزا تۇتىدىكەن، لېكىن ھازىر قەشقەر شەھىرىنىڭ ساياھىتىنىڭ جانلىنىش مەزگىلى بولغاچقا، كۈندە ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ساپال بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ۋە سېتىۋالىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپ ئىكەن، ئۇنىڭ بۈگۈن خۇمداندىن چىقارماقچى بولغان ساپال بۇيۇملىرى ئىيۇل كىرگەندىن بۇيان 2 – تۈركۈمدە خۇمداندىن چىقىرىلغان ساپال بۇيۇملار ئىكەن. ‹‹خۇمداننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى، بىردەم تۇرسىڭىزلا تەرلەپ كېتىسىز، رامىزاندا بۇ ئىش ئادەمگە تولىمۇ ئېغىر كېلىدۇ، شۇڭا ياخشى ئارام ئېلىشىم كېرەك››، دېدى ئۆمەر.
ئۆمەر مۇنداق دېدى: يېقىنقى نەچچە كۈندىن بۇيان كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى مەندىن رامىزان توغرىسىدا بەزى سوئاللارنى سوراشتى، مەن ئۇلارغا ئېنىق قىلىپ: بىزنىڭ بۇ يەردە روزا تۇتقىمىز كەلسە تۇتىمىز، بىزنى ھېچكىم باشقۇرمايدۇ، دېدىم، دېمىسىمۇ بۇ دېگەن ئەمەلىيەت، بۇ ئىشتا بىزنى كىم باشقۇرۇپتۇ؟ قالايمىغان ئىغۋا تارقىتىۋاتقان كىشىلەر چوقۇم شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان كىشىلەر ئىكەن، ئۇلار يالغان سۆزلەپتۇ!
سائەت 8لەر ئەتراپىدا ئۆمەر ئىش كىيىمىنى كىيىپ، خوتۇنى نۇربىيە ياسىن بىلەن بىللە تېخىچە ئۇخلاپ ياتقان ئوغلىنى ئويغىتىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. ئۇ خۇمداننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر خۇمداننىڭ تېمپېراتۇرىسى 50 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ، خۇمداندا چوڭ – كىچىك بولۇپ 300 نەچچە ساپال بۇيۇم بار، ھەر قېتىم نەچچە ئوننى ئېلىپ چىقىمەن، ئاندىن ئازراق ئارام ئېلىۋالىمەن، بولمىسا بەك تەرلەپ كەتسەم، بەرداشلىق بېرەلمەي قالىمەن!
رامىزاندا جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، يەنە كېلىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئەمگەك قىلىش بىر زور سىناق، ئۆمەر يېڭىدىن پىشىپ چىققان ساپال بۇيۇملارنى رەتلىگەچ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ روزا تۇتۇش ئەركىنلىكىمىز بار بولۇپلا قالماستىن، تىجارەت قىلىشىمىزمۇ ئەركىن، ھېرىپ قالساق، ئىشىكنى تاقاپ ئۇخلايمىز، مەن ئادەتتە ئارام ئالغان ۋاقتىمدىمۇ ئىشىكنى ئېچىپ قويىمەن، ھازىر ساياھەتچىلەر كۆپ، ساپال بۇيۇملارنى كۆپرەك ساتالىساق، كۆپرەك پۇل تاپالايمىز.
ئۆمەر ئەتىگەندىكى ئالدىراشلىقتىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1 لەر ئەتراپىدا بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە كىرىپ يۇيۇنۇپ چىقىپ، مەسچىتكە پېشىن نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ماڭدى. چۈشتىكى ئىسسىقتا تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى، ئۆمەر مەسچىتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئازراق ئۇخلىماقچى بولدى، ئۇ چۈشتىن كېيىن يەنە خوتۇنى بىلەن قېيىنسىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارماقچى ئىدى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 40:7 تا، ئۆمەر بىر ئائىلە كىشىلىرى مېھماندارچىلىقتىن قايتىپ كەلدى، 72 ياشلىق قېيىنئانىسى مارىخاننىڭ ئۆزلىرىگە كەچلىك تاماق تەييارلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نۇربىيە دەرھال قېيىنئانىسىنىڭ قولىدىكى ئىشنى ئالدى، ئۆمەر بولسا مېۋە – چىۋە تەييارلىدى. ئىپتار ۋاقتىدا داستىخان مېۋە – چىۋە ۋە تائاملار بىلەن لىق تولدى. ئۆمەر بىر ئائىلە كىشىلىرى داستىخانغا جەم بولۇپ، بىر ياقتىن تاماق يېگەچ، بىر ياقتىن بايىقى مېھماندارچىلىق توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 30:8 دا ئۆمەر تامىقىنى يەپ بولۇپ، ئالدىراش مەسچىتكە شام نامىزى ئوقۇشقا ماڭدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved