ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يېڭى ئايرودۇرۇمى سانجىغا سېلىنىدۇ

سانجى ئۈرۈمچىگە بىر قەدەر يېقىن، ھاۋا كىلىماتى ۋە كۆرۈش ئارىلىقى قاتارلىق شەرتلەر ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تەلىپىگە ماس كېلىدۇ.

 

ئۈرۈمچى يېڭى ئايرودۇرۇمى قەيەرگە قۇرۇلىدۇ ؟ پۈتكەندىن كېيىن بېرىپ-كېلىش قولايلىقمۇ ؟ بۇ مەسىلىلەر ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى ئىزچىل تۈردە دىققەت قىلىدىغان قىزق نۇقتا بولۇپ قالغانىدى . 9-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇراسىمىدا ، سانجى شەھىرىنىڭ باشلىقى ما خوڭجۈن سانجى شەھىرىنىڭ سېلىنما تەرەققىياتىدىكى كوزىر ــ ئۈرۈمچى يېڭى ئايرودۇرۇمىنىڭ سانجىغا قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .    

 

ما خوڭجۈننىڭ ئېيتىشىچە ، يېڭى ئايرودۇرۇم پۈتكەندىن كېيىن، بۇ ئايرودۇرۇم ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن، ھەر يىلى توشۇلىدىغان يولۇچى سانى 30 مىليون (ئادەم / قېتىم )غا يېتىدىغان ئاۋىياتسىيە ئىقتىساد راۋان يولىغا ئايلىنىپلا قالماي ، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئەڭ چوڭ رايون خاراكتېرلىك ھاۋا قاتناش تۈگۈنىگە ئايلىنىدىكەن .   

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ سانجى شەھىرىدىكى كونكېرت ئورنىنى بېكىتىش خىزمىتى بىر يىلغا يېقىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ، ئالتە-يەتتە ئورۇن تاللانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، ئەڭ ئاخىرقى تاللاپ بېكىتىش باسقۇچىغا كىرگەن .    

تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، سانجى ئۈرۈمچىگە بىر قەدەر يېقىن ھەم مەلۇم جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولغانلىقتىن ، شۇنداقلا كىلىمات شارائىتى ۋە كۆرۈش ئارىلىقى بۇ قۇرۇلۇشقا ماس كەلگەنلىكتىن ، يېڭى ئايرودۇرۇمنى سانجىغا قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ، ‹‹ سانجى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ››، ‹‹ قار لەيلىسى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى››، ‹‹تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ››، ‹‹ بۇغدا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ›› قاتارلىق ئىسىملاردىن بىرى تاللىنىدىكەن .



11-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek