كۆپ ساندىكى شەپەرەڭ پالۋان مەستانىلىرى ئادەتتە شەپەرەڭ پالۋاننىڭ كىيىمى ۋە ماشىنىسىنىڭ مودىلىنى يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن يېقىندا بىر تەلۋە مەستانە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئىندىئانا شتاتىدىكى 50 ياشلىق شەپەرەڭ پالۋان مەستانىسى مارك راكوپ 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن بىر مىليون 600 مىڭ يۈەن) خەجلەپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى ياساپ چىقتى. ئىگىلىنىشىچە مارك 19 ياش ۋاقتىدىمۇ شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ماشىنىسىنىڭ تەقلىدىي مودىلىنى ياساپ چىققانىكەن.
31يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تۈردە شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ماشىنىسىنى ياساشنىڭ كويىدا بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2009-يىلى بىر لىنكولىن ماركىلىق ماشىنىنى ئۆزگەرتىشنى باشلىغان. ئۇ ماشىنىنىڭ شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ماشىنىسىغا تېخىمۇ ئوخشىشى ئۈچۈن شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ھەربىر بۆلۈم كىنوسىنى ۋە تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى قايتىدىن ئەستايىدىل كۆرۈپ چىققان، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ جەڭ ماشىنىسىنىڭ 1966-يىللىق نۇسخىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان. مۇ ماشىنا 2010-يىلى شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئىجادچىسى بولغان DC كارتون شىركىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مارك ھازىر 10 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ چىققان. بۇ گۇرۇپپا ھەپتىدە ئالتە كۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ماشىنىسىنى ياساش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇنداق ماشىنىدىن بىرنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز ئاي ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، مارك بۇنىڭ ئىنتايىن ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە ئۇ بۇنداق ماشىنىلارنىڭ ھەربىرىنى 220 مىڭ دوللاردىن ساتىدىكەن.
2003-يىلى مارك دوستى بىلەن شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئۇرۇش ماشىنىسى ئالدىدا تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
19 ياش ۋاقتىدا مارك ئۆزىنىڭ تۇنجى شەپەرەڭ پالۋان ئۇرۇش ماشىنىسىنى ياساپ چىقتى.
2009-يىلى مارك ياساپ چىققان شەپەرەڭ پالۋان ئۇرۇش ماشىنىسى شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئىجادچىسى بولغان DC كارتون شىركىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
ھازىر مارك 10 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بىر ئاپتوموبىل ياساش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى.
بۇ ئەترەتنىڭ بىر شەپەرەڭ پالۋان ئۇرۇش ماشىنىسى ياسىشى ئۈچۈن تەخمىنەن سەككىز ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.
بۇ ئاپتۇموبىل بىر لىنكولىن ماركىلىق پىكاپنىڭ ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ چىقىلغان.
ماركنىڭ ئېيتىشىچە، شەپەرەڭ پالۋان ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ 1966-يىللىق نۇسخىسى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ قالتىس نۇسخىسى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved