شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇفادىكى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدە ئېچىلدى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەدىمىمىزنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، مەزكۇر رايوندا تەقدىرلاشلار ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى تەڭ قوغداپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىناق قوشنا ۋە دوست بولۇپ، ئېچىۋېتىش ۋە بىربىرىمىزنىڭ تەجرىبىلىرىمىزنى ئەينەك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى. شى جىنپىڭ يىغىندا «ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ بەش تشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، «شاڭخەي روھى» دا چىڭ تۇرۇپ، مەزكۇر رايوندا تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى. «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق يېتەكچى قىلىپ، خەلقئارانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، بىربىرىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىپ، تەڭ پايدا كۆرۈش ئىدىيەسى بىلەن تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى. ئىككىنچى، ھەرىكەت ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىك توسىقىنى مۇستەھكەملەيلى. جۇڭگو ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «چېگرا مۇداپىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىشىنى قارشى ئالىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىشنى خالايدۇ. ئۈچۈنچى، ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچىمىزنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتايلى. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش، ئەركىنلەشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور قەدەم تاشلايلى. ئەزا دۆلەتلەردە ھەمكارلىق باغچا رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرايلى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاندا چىڭ تۇرايلى. ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ئۇچۇرى سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ياخشى جىپلاشتۇرۇپ، ياروپا-ئاسىيا رايونىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى. تۆتىنچى، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىناق قوشنا ۋە ياخشى دوست بولايلى. جۇڭگو ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، كىشىلەرنىڭ بېرىپ-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ. بەشىنچى، ئېچىۋېتىش ۋە تەجرىبىلىرىمىزنى ئۆزئارا ئەينەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى.
بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىستان ۋە پاكىستاننى يېڭى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى باشلايدۇ. يىغىندا ھىندىستان ۋە پاكىستاننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى باشلاش قارار قىلىندى، بلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇشى، ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيە، كامبۇدژا، نېپالنىڭ سۆزلىشىش شېرىكى بولۇشى ماقۇللاندى. يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئېچىش قارار قىلىندى. ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئۇفا خىتاپنامىسى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر چېگرا مۇداپىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى»، ھەمدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان تېررۇرلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق پروگراممىسى» نى تەستىقلاش، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» لايىھەسىنى تۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار قارارلارغا ئىمزا قويدى. يىغىندا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ يىغىن ئاخباراتى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ دۇنيا فاشىسىزمىغا قارشى ئۇرۇش ھەمدە 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى باياناتى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زەھەرگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى باياناتى» ئېلان قىلىندى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved