ياپونىيەدە مىليون ئەر يىل بويى ئىشلىمەي، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماي پىنھان ياشايدۇ

         ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيەدە تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئەر كىشى ئۆيىدە بېكىنمە ھالەتتە ياشايدىغان بولۇپ، پىنھانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئاللىقاچان جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر كىرىزىسىغا ئايلانغان. ئۇلار جەمئىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، بەزىلەرنىڭ بۇنداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋاقتى ھەتتا نەچچە يىلغىچە داۋام قىلىدۇ. دوختۇرلار پىنھان تۇرمۇش كەچۈردىغانلارنىڭ كىيىنكى دەۋر ئەۋلادلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

         ياپونىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىپ، يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەمئىيەت بىلەن ئۇچراشمايدىغان، ئوقۇمايدىغان، سىرتقى چىقىپ ئىشلىمەيدىكەن، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان، بېكىنمە ھالەتتە ياشايدىغان مۇشۇنداق جەمئىيەت ھادىسىسىنى پىنھانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈش دەپ ئاتىغان.

        تاكاھىرو كىتو مەخسۇس پىنھانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈش ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا ئۇمۇ بىر پىنھان تۇرمۇش كەچۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ نۆۋەتتە بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىپ بۇ خىلدىكى ھالەتنىڭ كىيىنكى دەۋر كىشىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشنى رەت قىلىدىغان پىنھان ياشىغۇچىلار ئادەتتە ھەم ئەقىللىك ھەم قابىلىيەتلىك بولغان ياشلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ زور بىر يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.

       ئالتە ئاينىڭ ئالدىدا 18 ياشلىق يۇتو ئونىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا داۋالاش ئېلىپ بېرىشتىن بورۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ھۇجرىسىدا پىنھان ياشاۋاتقىلى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ كۈندۈزى ئۇخلاپ، ئاخشىمىسى تورغا چىقىپ ئوينىغان، ھەجۋىي كىتاب ئوقۇغان، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ دەسلەپتە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇۋاتقان چېغىدا بىر قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدا سىنىپ باشلىقى ئىكەن.

       تاكاھىرو كاتونىڭ قارىشىچە، بۇ خىل يامان ئىللەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىمارلار ئورتاق ماسلىشىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئۇ نۆۋەتتە كىيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرگە پىنھانلىق تۇرمۇش ئادىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىجتىمائىي ۋە بىيولوگىيەلىك ئامىللارنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆپ تەرەپلىمىلىك دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققان. پىنھانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر پەقەتلا پىسخىكىلىق تەرەپتىنلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمەلىيەتتە پىنھانلىق تۇرمۇش ئادىتىنى پىسخىكىلىق ئامىللا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. بۇ خىل بىمارلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بىر قىسىم بىمارلار بولسا ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدۇ، داۋا ئىزدەشنى بولسا ئەسلا خالىمايدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek