يەر شارى خەۋەر تورى 13-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس رەسمى زىيارەت ئۈچۈن روسىيە پايتەختى موسكىۋاغا بېرىپ، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، باش مىنىستىر دىمىترى مىدىۋىدىۋ بىلەن كۆرۈشتى. موسكىۋادىكى ئۇچرىشىشتا پۇتىن سۆز قىلىپ؛ پەلەستىن-روسىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ تەرەققى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى، پۇتىن، رايۇندا ۋەزىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئابباس بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى، ئىراق، سۇرىيە ۋە يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەپسىلى توختالدى.
ئابباس، روسىيەنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا روسىيەنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى كىرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئابباس، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىىلىسىنى مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىشتا قارارلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ پوزىتىسيەلىرى ئارىسىدا پەرق مەۋجۇت، ئەمما مۇھىم بولغىنى پىكىر ئايرىمچىلىقىنىڭ سۆھبەت دائىرىسىدە قېلىشىدۇر. بىز ئەلۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ نازارىتىدە خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز» دېدى.
روسىيە باش مىنىستىرى مىدىۋىدىۋ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پەلەستىن خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مىدىۋىدىۋ، روسىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا ئەنئەنىۋى دوستانە مۇناسىۋەتلەر بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، پەلەستىنگە ياردەم بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابباسنىڭ روسىيە زىيارىتى بىر قانچە تەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ…
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved