ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» روسىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر مۇرمانىسكتىكى كىشىلەرنىڭ بىر يۈرۈش كۈندىلىك تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ قۇتۇپ شەھىرىدىكى تەپسىلاتلارنى خاتىرىلىدى. مۇرمانسىك روسىيە مۇرمانسك ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، كولا يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، بارېنتس دېڭىزىنىڭ كولا قولتۇقىغا يېقىن. شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ ئىسسىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، مۇرمانسك ئەتراپىدا ئىسسىق دېڭىز سۈيى ئاقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ شىمالىي مۇز ئوكياندىكى بىر دىنبىر مۇز تۇتماس پورتقا ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن مۇرمانسكتا بىر يىلدا 40 كۈن قۇتۇپ كېچىسى ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇرمانسك «مۇز كېچىسى شەھەرچىسى» دەپ ئاتالغان. سۈرەتتە شەھەر ئاھالىسى نۆلدىن تۆۋەن 35 سىلسىيە گرادۇستا ئوت بىلەن قۇلۇپقا ئوت يېقىپ ئېرىتىپ ئىشىكىنى ئاچماقتا.
بىر شەھەر ئاھالىسى كۆلگە سەكرەپ قىشلىق سۇ ئۈزۈشكە تەييارلانماقتا.
ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىكى ھورنى سۈرتۈپ سىرتقا قارىغاندىكى مەنزىرە
مۇرمانسك خەلق مەيدانىدا ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى
شەھەرنىڭ قىشتىكى بېزەكلىرى
مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى
دىسكوخانا سىرتىدا ساقلاۋاتقان بىر جۈپ ئاشىق مەشۇق
رېلىسسىز تراللىبۇستا ئولتۇرۇۋاتقان يولۇچىلار
مۇز قاتقان كۆلچەكتە ئويناۋاتقان بالىلار
شەھەر سىرتىكى ئاھالىلەر بىناسى
ياغاچتىن ياسالغان كىچىك پورت ۋە بېلىقچىلىق كېمىسى
مۇزلۇقتا تىكلەنگەن ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش خاتىرە ئابىدىسى
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved