ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىلوۋاكىيەدىكى بىر دوختۇرخانا مېرىس كېسىلى ئالامىتى كۆرۈلگەن بىر كورېيەلىك ئەرنى تەكشۈرگەن، بۇ ياۋروپادا تۇنجى قېتىم بايقالغان مېرىس گۇماندارى. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئەر كورېيەدىكى بىر ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ سىلوۋاكىيەدىكى شۆبە شىركىتىنىڭ خادىمى ئىكەن، مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ سىلوۋاكىيە چېگراسىغا كىرگەن.
كورېيە ساقلىقنى ساقلاش مىنىستىرلىقىنىڭ 14-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، كورېيەدە ھازىر يېڭىدىن كۆپەيگەن مېرىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار 7 بولۇپ، بىرى قازا قىلغان، ئايرىۋېتىلگەن ئوبيېكتلار 4856غا يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved