ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە ئەسكەرلىرى ئەترىتى ئىراققا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئىراق ھۆكۈمىتىگە ياردەمدە بولۇپ، چېكىدىن ئاشقان رادىكال تەشكىلاتى «ئىسلام خەلىپىلىكى» گە زەربە بېرىشكە تەييارلانغان.
كارتېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەخمىنەن 200 گە يېقىن ئامېرىكا ئالاھىدە ئەسكەرلىرى ئىراق تەرەپ بىلەن ئالاقىنى باغلىدى، ئۇلار «يېڭى نىشان، يېڭى زەربە، يېڭى پۇرسەت» تېپىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.
بۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كېنتۇككى شىتاتىدىكى كامبېل قەلئەسىدە بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان بولۇپ ، ئۇ يەنە ئىراققا ئەۋەتىلگەن پاراشوتچىلار 101 - ئارمىيەسى كوماندىرىغا سۆز قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا كارتېر يەنە «ئىسلام خەلىپىلىكى» تەشكىلاتىدىن ئىراق ۋە سۈرىيە زېمىنلىرىنى قايتۇرىۋېلىش پىلانىنىمۇ تىلغا ئالغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئالاھىدە ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئامېرىكىنىڭ چېكىدىن ئاشقان رادىكال تەشكىلاتى «ئىسلام خەلىپىلىكى» گە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىراققا بەرگەن «يېڭى ۋەدىسى» بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا يېقىنقى بىر يىلدىن بېرى نەچچە مىڭ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بەرگەن.
بۇ قېتىملىق ئەسكەر ئەۋەتىشتىن بۇرۇن، بۇلتۇر ئوباما سۈرىيەگە 50 نەپەر ئالاھىدە ھەركەت خادىمى ئەۋەتىپ، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىقلارغا ياردەم قىلغان.
كارتېر كېلەركى ھەپتە پارىژغا بېرىپ، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئاۋىستىرالىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلاردىن چېكىدىن ئاشقان رادىكال تەشكىلاتى «ئىسلام خەلىپىلىكى» گە زەربە بېرىشتە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان.
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved