يۈز تېرىسىنى ئاسراش گىرىم قىلىشتىكى بۇ خاتالىقلار سىزدە بارمىكەن ؟

خەيجىڭ  تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

جۇڭگو خەلقى ئارىسىدا خانىم -قىزلار گۈزەللىكى توغرىسدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ماقال -تەمسىل بار > دۇنيادا سەت ئايال يوق پەقەت ھورۇن ئايال بار <بۇ گەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان .ئۇنداقتا سىزمۇ گۈللىكىگڭىزگە ئاساس سېلىشنى خالامسىز؟ يۈز تېرىسىنى ئاسراش ،گىرىم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردا سىزدە قانداق خاتالىقلار ساقلىنىپ كەلدى ؟


خانىم -قىزلارنىڭ گىرىم قىلىش ۋە يۈز تېرىسىنى ئاسراش مەسىلىسىدە يۈز بېرىۋاتقان خاتالىقالر ئاز ئەمەس . يەنى كېىلىپ خانىم -قىزلار بۇ توغرىسىدىكى مەسىلىگە بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ . بەزى خانىم-قىزلارنىڭ قېنىق گىرىم قىلىۋالغانلىقىنى دائىم ئۇچرىتىمىز، ئەمەلىيەتتە، قېنىق گىرىم قىلىش تېرىگە زىيانلىق. چۈنكى گىرىم بويۇملىرىنىڭ تەركىبىدە خىمىيەلىك تەركىب بولۇپ، بۇ خىل تەركىب قىسمەن كىشىلەرگە ئەكس تەسىر قىلىدۇ، ناۋادا ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ياكى ئۇزاق مەزگىل قېنىق گىرىم قىلسا. تېرىنى زەخمىلەندۈرۈۋېلىشى مۇمكىن.

ياشانغانلارنىڭ يۈزىدىكى قۇرۇقلارنى ئاساسلىقى تېرىدىكى ماي تەركىبى ۋە سۇ مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇپا قاتارلىق گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن تېرىدىكى سۇ ۋە ماي مىقدارىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قورۇقلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ،ئولتۇرا بىنەپشە نۇررىئاكسىيىسى ،گىرىم بۇيۇملىرى رىئاكسىيىسى ،ھامىلدارلىق مەزگىلى ،ئۇيقۇ سىزلىق،كۆپ چۈش كۈرۈش،ئارام ئېلىش ياخشى بولماسلىق ھاۋا بۇلغۇنۇش،كەيپىياتى ناچار بۇلۇش،تۈرلۈك نۇر،قۇرغاق تېرە، ئۇزۇقلۇق كەمچىل بۇلۇش،گىرىم بۇيۇمىنى خاتا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئېغىر رىئاكسىيەقىلىش،كۇن نۇرىدا ئۇزاق قاقلىنىش تۇپەيلىدىن سېرىق قۇڭۇر داغ پەيدابولدۇ.


ئەڭ ياخشىسى يۈز يۇيغان سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 38- 40 سېسلىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا ئەڭ ياخشى. ھەممەيلەن سوغۇق سۇدا يۈز يۇيسا ياخشى دەپ قارايدۇ بىراق تېرە تۇيۇقسىز سوغۇق سۇغا يۇلۇقسا غىدىقلىنىدۇ، يۈز تېرىسى قىزىرىپ كىتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت شۇنداق بۇلىۋەرسە ئىنچىكە قىل- قان تۇمۇرلار كېڭىيىپ توملىشىپ كىتىش كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ، 38-40 گىرادوس ئەتراپىدىكى يىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش ياخشى.مەيلى تېرىڭىز ياخشى يامان بولسۇن، داغ چۈشىدىغان بۇ ئىشتىن ئادەم قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بىر ھەركۈنى تېرىمىزنىڭ ئاق گۈزەل بۇلىشى ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ ، يۈزىمىزگە داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.ھەرقانداق گىرىم بۇيۇملىرى ۋە يۈ زئاسىراش بۇيۇملىرى ئىشلەتكەندە ، ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇيىچە، چۈشەندۈرىشىنى ئوقۇپ ،مۇلازىمەتچىلەردىن سوراپ ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئاندىن ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.مەيلى قايسى خىلدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بولسۇن، ئېمولسىيىلىشىش ئۈچۈن، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ماددا بار، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى بولسا ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ماي مىقدارىنى ئېرىتىش، گىرىم قىلغاندا 40 سىكونىت سۈرۈتسەكلا بۇلىدۇ، بەك ئۇزاق بۇلۇپ كەتسىە تېرە قۇرغاقلىشىدۇ.

بىر ئاخشام ياخشى ئۇخلىمىغاندا، ئەتىلا چۇقۇم چىرايىڭىزغا چىقىدۇ، چۈنكى ئۇيقىنى ساقلاپ قويغىلى بولمايدۇ، ئۇيقىنى تۇلۇقلاش ئەمىليەتتە ئورنىغا كەلمەيدىغان بىر ئىش. بىر ئۇخلاپ 3 سائەتتىن كىيىن بەدەن ھورمۇن ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كۈنلۈك بەدەن ۋە تېرە مۇسكۇل قايتا شەكىللىنىدۇ، تەخمىنەن 6 سائەت ئەتراپىدا . تەكلىپ 10:30 دا چۇقۇم كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىش،نورمال خىزمەتتە ئەلۋەتتە بەك چارچاپ كىتىدۇ، شۇڭا دەم ئېلىش كۈنى بولسا ئۇخلاپ ھۇرۇنلۇق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمىز، ئەگەر مۇشۇنداق قىلىۋەرسەك، مۇسكۇللار ئاغرىش، كىچىك پۇتلار ئىششىپ قېلىش ، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ھەرىكەت بولسا قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، يەنە كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، ئەڭ ئاددى ھەرىكەت بولسا يول مېڭىش، ھەربىر ھەرىكەت ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا.


بۇلاردن سىرىت يەنە خانىم -قىزلارنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزدىغان نۇرغۇن ئامىللار بار ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك ئادەتتىلىرى گۈزەللىكنىڭ تەھدىدى بۇلىشى مۇمكىن ،مەسلەن : گىرىمنى تازىلىۋەتمەي ئۇخلاش. گىرىم قالدۇقلىرى تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋېلىپ، دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. قىچىشىشنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ. شوڭا ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى گىرىمنى تازىلىۋېتىش، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىنى ئىلمان سۇدا يۇيىۋېتىپ، ئاندىن يېتىش كېرەك. بەدەنگە ئىشلىتىدىغان سوپۇن بىلەن يۇيۇش. يۈزنىڭ تېرىسى ناھايىتى سەزگۈر بولغچقا، بەدەنگە ئىشلىتىلىدىغان سوپۇن بىلەن يۈزنى يۇسا، يۈزدىكى تەبىئىي ماينى چىقىرۋېتىشى مۈمكىن. شوڭا يۈزنى نېيتراللىق سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، يېنىك ئۇرۇپ قۇرۇتۇش كېرەك. پاسكىنا قول بىلەن گىرىم قىلىش، گىرىمنى سۈرتىۋېتىش ۋە يۈز يۇيۇش. پاسكىنا قول باكتىرىيە تارقىتىدۇ ھەمدە پەرداز بويۇملىرىنى بۇلغاپ، ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شوڭا، گىرىم قىلىشتىن ئاۋال بۇلۇت، پاختا قاتارلىق نەسىلەر بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش لازىم. سىقماقلارغا قاچىلانغان گىرىم بويۇملىرى نىسبەتەن ياخشىراق. چۈنكى ئۇنىڭدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

گىرىم بويۇملىرىنى، بولۇپمۇ كىرپىك مەلھىمىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. دانىخورەك ۋە ياشلىق چېچىكىنى قول بىلەن سىقىش. بۇ خخل ئادەت ناھايىتى ئاسان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تاتۇق ئىزلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا ياشلىق چېچىكىنىڭ يۈزدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، ھەتتا يۈزنى قاتتىقراق سۈرتسىمۇ دانىخورەك چىقىدىغان قىلىپ قويىدۇ. شوڭا، ئەڭ ياخشىسى يۈزنى ماي سۈمۈرىدىغان قەغەز بىلەن ئېرتىش لازىم. كۆزەينەكنىڭ يۈزگە تېگىپ تۇرىدىغان يېرىنى ئىسپىرت بىلەن پاكىز سۈرتۈپ تۇرۇش، دانىخورەك ۋە ياشلىق چېچىكىنى دورا ئارقىلىق داۋالاش لازىم.

سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن گىرىم بويۇملىرىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماسلىق. گىرىم بويۇملىرىنىڭمۇ يېمەكلىكلەرگە ئوخشاشلا ئىشلىتىش ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ. ناۋادا بۇلغىنىپ قالسا، ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. شوڭا، گىرىم بويۇملىرىنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ كىرپىك مەلھىمى بىلەن كۆزگە ئىشلىتىدىغان سۇيۇق گىرىملەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇپا ھەم سۇيۇق ھالەتتىكى بويۇملارنىمۇ يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. لەۋ گىرىمىنى بىرەر يىل ئىشلەتكەندىن كىيىن رەڭگى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇپا ۋە تاش ئۇپىنى نىسبەتەن ئۇزۇنراق ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما پۇرىقى ۋە رەڭگى ئۆزگىرىپ قالسا، دەرھال تاشلىۋېتىش، قايتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK 



خەتكۈچلەر:
10-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
02-05-2016
    يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ياكى مۇسكۇل زەخمىلەنگەندە، يۈرەككە قان يېتىشمەي، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك كېشەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەت يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ: ...
30-04-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلەنگەن دورىخانىسى چوقۇم 24 سائەت دورا سېتىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغ...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل كۆز ئالمىسىغا بىۋاسىتە ئۈسكۈنە كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان پاتېنت ئىلتىماس قىلغان. گۇگىل بازارغا كىرىشكە ئامالسىز بولغان قارا تېخنىكىغا ئ...
30-04-2016
     تولۇقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلاردىمۇ چاچ بالدۇر ئاقىرىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ ئىكەن ھەم ئادەمگە قاراپ ئوخش...
30-04-2016
    نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن «سىز يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟» دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا «ئۇنداق ھېس قىلمايمەن، مۇھىمى سىز قايسى خىل ئىدىيەنى كۈچەيتىشكە باغلىق» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بەزى كىشىلەر يالغۇزلۇق بىلەن كېسەلنى بەكرە...
30-04-2016
    باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غەرب تېبابىتىدىكى قان تومۇر خاراكتېرلىك باش ئاغرىقلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىش، يارتا قارىغۇلۇق قاتارلىق بېشارەتلەردىن كېيىن، بىر تەرەپ چاناق، چېكە ۋە پ...
30-04-2016
    گۇگول شىركىتى يەنە قالتىس تېخنىكا چىقاردى! چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Googleيېقىندا بىر يېڭى پاتېنت تېخنىكىسى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا سۇيۇق ھالەتتتىن مۇقىم ھالەتكە ئۆزگىرەيدىغان مىكرو ئېلېكترونلۇ...
29-04-2016
    زىيادە بېسىم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر شىركەت كومپيۇتېرنىڭ مائۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى ئۆلچەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە توكيو MedTec يىغىنىدا، Alps Electic شىركىتى بىر ...
29-04-2016
    CNBC تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فېيسبۇكنى قۇرۇش ناھايىتى دادىللىق بولۇپ، بىراق شىركەت CEO سى مارك زاكېربىرگ تېخىمۇ جۈرئەتلىك بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «دۇنيادىكى بارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش». زاكېربىرگ تېلېفون...
Powered by Leglek