بېيجىڭ ۋاقتى 10-يانىۋار، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىجادىي فىلىم يىللىق مۇراسىمىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئەزاسى ۋاسكېتبول چولپىنى شىرئەلىجاننىڭ ئايالى مۇنىرە مەخەت «ئانار» فىلىمىدا رول ئېلىپ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژ» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئارقىدىنلا ئۆز مىكرو بلوگىدا يولدىشى شىرئەلىجاننىڭ ئۆزىنى قوللاپ، مەدەت بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىكرو بلوگ مەزمۇنى : «بىر قېتىملىق گۈزەل سەرگۈزەشتىم ماڭا كۆپلىگەن يېڭى تۇيغۇرلارنى ئاتا قىدى، تۇنجى قېتىم قىزىل پالاز ئۈستىدە ماڭدىم، تۇنجى قېتىم لوڭقىنى قولۇمغا ئالدىم...ئۆزۈمنىڭ ياش تۇرۇپلا ئايال باش پېرسوناژ پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن خۇشالمەن، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئىزچىل قوللىشى، يولدىشىمنىڭ ئىزچىل مەدەت بېرىشى، رېژىسسورنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچسىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن».
شىرئەلىجاننىڭ ئايالى مۇنىرە مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىدا 2011-يىلى تولۇق كۇرس ئاكتيورلۇق فاكولتىتېتىدا ئوقۇش تاماملىغان بولۇپ، ئۇ بۇندىن بۇرۇن «بەخت ئىشىكنى چەككەندە» ناملىق فىلىمدا رول ئالغان، بۇ يىل يازدا ئەمدىلا مەكتەپ پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلغان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|