يېقىندا، شىۋىتسارىيە Rinspeed ماركىسى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان Etos ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. يېڭى ماشىنىغا ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارى سەپلەنگەن، تۇلپار i8 ئاساسىدا ياسالغان. ئىگەللىنىشىچە، بۇ ماشىنا 2016-يىلى 1-ئايدا لاس ۋىگاس CES ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پەيدا بولىدىكەن.
قىسقىچە چۈشەنچە: Rinspeed ئاپتوموبىل شىركىتى 1977-يىلى شىۋىتسارىيەدە بارلىققا كەلگەن؛ ئاساسلىق كەسپى بولسا تورۇس ئەينەك ۋە ماشىنا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش؛ بۇ شىركەت 1979-يىلى تۇنجى قېتىم جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان turbo نىڭ ۋولكىسۋاگېن گولىف GTi نى كۆرگەزمە قىلغان؛ كېيىن بېنىز AMG قاتارلىق زاۋۇت بىلەن كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان.
سىرتقى قىياپەت تەرەپتە، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ماشىنا تۇلپار i8 ماشىنا تىپى ئاساسىدا ياسالغان، ئەمما ئەمىلىيەتتە سىرتقى كۆرۈنۈش تەرەپتە، i8 نىڭ ئانچە كۆپ سايىسى يوق، پەقەت ماشىنا گەۋدىسى قۇرۇلمىسى i8 غا يېقىن. بۇ ماشىنا قېنىق يېشىل رەڭلىك ماشىنا گەۋدىسى ئىشلەتكەن، قوش ئىشىكلىك قوش ئورۇندۇقلۇق ئورۇنلاشتۇرۇش قوللانغان، تولۇق مەنزىرىلىك تورۇس ئەينەك ماسلاشتۇرغان، قارىماققا ئىنتايىن ياش ھېسسىياتچان كۆرىنىدۇ. بۇندىن سىرت، قۇيرۇق قىسىمدا بۇ ماشىنىغا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سەپلەنگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ئورگان تەرەپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىشلىتىلىشى بولسا ماشىنا ئىگىسىگە قىزىقىش قوشۇش دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئىچكى بېزەك تەرەپتە، گەرچە ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ماشىنا ئىچىنىڭ بېزەك لاھىيەسى ئىنتايىن نەپىس، ئىككى دانە 21.5 دىيۇملۇق خرۇستال ئېكران سەپلەنگەن، ئوخشاش ۋاقىتتا بۇ نۇسخا يېڭى ماشىنىنىڭ ماشىنىغا يۈكلەنگەن سېستىمىسى يەنە تاۋۇش، قول ئىشارىسى ۋە سىلاش قاتارلىق مەشغۇلات قىلىپ كونترول قىلىش شەكىلىنى قوللايدۇ. بۇندىن سىرت، بۇ ماشىنىنىڭ رولىمۇ داڭلىق، ZF TRW تەمىنلىگەن قاتلىغىلى بولىدىغان ۋە يىغىشتۇرغىلى بولىدىغان رول، ئاپتوماتىك ھەيدەش شەكىلىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، شوپۇرغا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق بېرىش ئۈچۈن رولنى يىغقىلى بولىدۇ.
بۇندىن سىرت، سەپلىمىسى تەرەپتە، يېڭى ماشنا ئەقلىيفونغا سىمسىز توك تولۇقلاش، ئەقلىي ئاچقۇچنى يىراقتىن قوزغىتىش ۋە قۇلۇپلاش ھەم خاسلاشتۇرۇلغان توك تولۇقلاش قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدار ھازىرلىغان. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، ئىگەللىنىشىچە، يېڭى ماشىنىغا سەپلەنگىنى بىر خىل ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى بولۇپ، ئەمما كونكىرت سانلىق مەلۇماتى ۋاقتىنچە ئاشكارلانمىغان، بىراق i8 نىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved