ئوباما سۈرىيە ئۆكتىچلىرنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ14-كۈندىكى تېلگىراممىسى،چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا،ئامىرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 13-چېسلا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرنىڭ رەھبىرى ،مەملىكەتلىك بىرلەشمە ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى ئەخمەت جابار بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلشىچە، ئوبامانىڭ بۇ ھەركىتى سۈرىيە پىرىزدېنتى باشار ئاسادىغا قارىتا ئىللىق پوزىتسىيەدە بولغان ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن. 

بىراق بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئوباما ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ ئېيتىشچە، ھەرقانداق جانغا زامىن ياردەم قوراللىرنىڭ سۈرىيەدىكى  ئاشقۇن ئۆكتىچى كۈچلەر قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن غەم ئەندىشە قىلدىغانلقنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.

ئاشۇ كۈنى ئوباماغا ھەمراھ بۇلۇپ يەنە دۆلەتلىك بىخەتەرلىك مەسلەھەتچىسى سۇسەن لەيىسمۇ بىرگە جابار بىلەن كۆرۈشكەن. ئاق ساراي ئارقىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا دىيشىچە، ئوباما بىلەن لەيىس ئاسادى ھۆكۈمىتنىڭ سۈرىيە پۇقرالىرىغا قارىتا سۈيقەسىت قىلىپ ھۇجۇم قىلغانلقنى ھەمدە ھاۋا ئارمىيسى ئارقىلىق ھۇجۇمىغا ئۆتۈپ قىينچىلىق رايونلىرىغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك  ياردەم بۇيۇملىرنى تۇسۇۋالغانلقنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ دىگەن.

ئاق ساراينىڭ باياناتىدا يەنە ئېيتىلشىچە، جابار ئوباما ھۆكۈمىتنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچلىرىگە 287مىليون ئامىرىكا دوللىرى ياردەم قىلغانلقىغا رەھمىتنى بىلدۈرگەن. بىراق ئاق ساراي تەرەپ جابار ئىلگىرى تەلەپ قىلغان ھاۋا مۇداپىئە قورالىنى تەمىنلىدىمۇ يوق بۇنى ئاشكارلىمغان.

ئامىرىكا ئەمەلدارى شەخسى كۆز قارشىنى بايان قىلىپ ئېتراپ قىلشىچە، جابارنىڭ تەلپى بۇرۇنلا ئامىرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپنىڭ رەت قىلشىغا ئۇچرىغان.ۋاشىنگىتون بۇ قوراللىرنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئەڭ ئاخىردا ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ قولغا چۈشۈپ كېتىپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە تەھدىت بۇلۇپ قېلشىدىن ئەنسىرەپ قالغان.

ئامىرىكنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارىنىڭ دىيشىچە،ئامىرىكا تەرەپ سۈرىيە ئۆكتىچلىرىغا تەمىنلىگەن جانغا زامىن بولمايدىغان قوراللار ئوق ئۆتمەس كىيىم ، كېچىدە كۆرۈش ئەينىكى ۋە ئالاقىلشىش ئەسلىھەلىرى ئىكەن.بىراق يەنىمۇ تەپسىلى تىزىملىكنى ئاشكارلاشنى رەت قىلغان.

جابارنىڭ بۇ قېتىم ئوباما بىلەن كۆرشۈش ۋاقتى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرنىڭ ئوسال ئەھۋالدا قالغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن.بۇندىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم جەڭ قىلىش جەريانىدا سۈرىيە ئۆكتىچلىرى سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خومۇس شەھرىدىن چېكىنىپ چىققان بۇلۇپ ھازىر پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت ئارمىيسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.

بۇندىن باشقا .سۈرىيە ئەڭ يۇقىرى ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمسى شۇجاي ۋاقتى 10-چېسلا ئېلان قىلغان پىرىزدېنىتلىق نامزاتى ئەڭ ئاخىرقى تىزىملىكدە سۈرىيە ھازىرقى پىرىزدېنتى باشار ،پارلامنىت ئەزاسى ھەجەر ۋە ئالدىنقى ھۆكۈمەت مىنىستىرى نۇرىنىڭ بارلىقنى  جاكارلىغان.

ھەمدە ئېلان قىلىپ پىرىزدېنىت سايلىمنىڭ 11چېسلا باشلىندىغانلقنى ئۇقتۇرغان.



خەتكۈچلەر:
15-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek