ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 25-نويابىر ئايرىم -ئايرىم ھالدا ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش ئاگاھلاندۇرىشىنى تارقىتىپ ، شەھەر ئاھاللىرىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول يۈرگەندە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ، مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ قالغان يول بۆلەكلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈشىنى ئەسكەرتتى .
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى سانجى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ماناس ھەق ئېلىش پونكىتىغىچە بولغان يول بۆلىكى مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەچكە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلغان . تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيەسى ، سەيۋۇپو ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن يەننەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە بولغان ( تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە بولغان يۆنىلىشتە) يول بۆلىكىمۇ مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەچكە تاق يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلغان.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved