بازار تەكشۈرۈش شىركىتى IHS بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفونى Galaxy S7 نىڭ تەننەرخى ئاران 255 دوللار بولۇپ، ھەربىر دانە يانفوندىن قالىدىغان ساپ پايدا 400 دوللاردىن ئاشىدىكەن. IHS نىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، Galaxy S7 نى چۇۋۇغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تەننەرخىنىڭ ئاران 255 دوللارغا يارايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن بازارغا سېلىنغان Galaxy S5 نىڭ تەننەرخى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى بايقالغان. Galaxy S7 نىڭ ئامېرىكىدىكى پارچە سېتىلىش باھاسى 670 دوللار بولۇپ، بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەربىر دانە يانفوندىن قالىدىغان پايدا يۇقىرى بولغاندا 415 دوللارغا يېتىدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Galaxy S7 دىكى ئەڭ قىممەت زاپچاس ئۇنىڭغا سەپلەنگەن سنەپدىراگون 820 تىپلىق بىر تەەرپ قىلغۇچ بولۇپ، باھاسى 62 دوللار ئىكەن. ئۇندىن قالسا 12 مىليون پىكسېللىق كامېرا بولۇپ، تەننەرخى 13.8 دوللارغا يارايدىكەن، قۇراشتۇرۇش ھەققى بەش دوللار، قالغان 174.30 دوللار بولسا ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان رامكا، ئەينەك تاختا، Super AMOLED ئېكران ۋە SSD قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 255 دوللار يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىش ۋە بازار ئېچىشقا كەتكەن تەننەرخنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. Galaxy S7 ۋە S7 Edge يانفونلىرى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى دۇنيادىكى 50 دۆلەت ۋە رايوندا ماس قەدەمدە بازارغا سېلىنغان. كورىيە تاراتقۇلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، Galaxy S7 ۋە S7 Edge يانفونلىرىنىڭ كورىيەدىكى سېتىلىش مىقدارى ئىككى كۈندىلا 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
![]() |
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
![]() |
2-ماي ۋۇخەننىڭ خەنكۇدا بىر يىگىت كونا پاسوندىكى ۋېلىسىپىتنى مېنىپ كېلىنچەكنى كۆچۈرگەن، كېلىن كۆچۈرۈش ئەترىتى 21 ۋېلىسىپىت مىنگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يولدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved