ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ھازىرقى زامان پەيلاسوپى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھىلارى پۇتنام ئامېرىكىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 13-مارت 89 يېشىدا ئۆزىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى ئۆيىدە ئارىلىق تېرە ئۆسمىسى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
پۇتنام 1926-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چىكاگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 20-ئەسىردىكى ئەنگىلىيە-ئامېرىكا پەلسەپە ساھەسىگىچە كېڭىيىپ، بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستاز ئايلانغان. قەلب پەلسەپىسى، تىل پەلسەپىسى، پەن پەلسەپىسى، ماتېماتىكا پەلسەپىسى، ئەخلاق پەلسەپىسى، ھەتتا كومپىيۇتېر ساھەسىدىمۇ ئاز-تولا نام چىقارغان.
پۇتنام ئاساسلىقى قەلىب، مەۋجۇت بولۇش، بىلىش مۇھاكىمىلىرى ئۈچۈن داڭلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان، ھەمدە بۇ ئارقىلىق فرانسىيە پەيلاسوپى دېكارتنىڭ گۇمانىي ئىدىيەسىنى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر تەجرىبىسى، يەنى «ئىدىش ئىچىدىكى مېڭە» ئارقىلىق تەقلىد قىلىپ چىققان.
«بىر ئادەم (بۇنى ئۆزىڭىز دەپ پەرەز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ) ئەسەبىي ئالىم تەرىپىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغان، ئۇنىڭ مېڭىسى تېنىدىن كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ، ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى بار بولغان مېڭە ھايات ساقلاش قاچىسىغا سېلىنغان. ھەمدە مېڭە نېرۋا ئۇچلىرى كومپيۇتېرغا ئۇلىنىپ، بۇ كومپىيۇتېر تەرتىپ بويىچە مېڭىگە ئۇچۇر تارقاتقان، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ نورمال بولغان بارلىق خىيالىي تۇيغۇلىرى ساقلاپ قېلىنغان».
ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەم، جىسىم، ئاسمان يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى، سالامەتلىكىمۇ نورمال بولغان. بۇ پەرەزگە قارىتا ئەڭ تۈپ مەسىلە شۇكى، ئۇ بولسىمۇ سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغانلىقىڭىزغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved