رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى 20-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ تاشقى قەرزى جەمئىي 515 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2014-يىلدىكىگە قارىغاندا %14 ئازلىغان.
رۇسىيە بانكا ساھەسىنىڭ تاشقى قەرزى 132 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا %22.81 ئازلىغان؛ غەيرىي بانكا ساھەسىنىڭ تاشقى قەرزى 340 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا %9.26 ئازلىغان.
رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ۋەكىلى ئىلگىرى بىلدۈرۈشىچە، تاشقى قەرزنى قايتۇرۇش يەنىلا دۆلەت پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالغان، ئەمما قايتۇرۇش يۇقىرى پەللىسى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بانكا ۋە شىركەتنىڭ قالدۇقى ۋە كۈندىلىك تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنىڭ تاشقى قەرزنى تۆلەش ئىقتىدارى بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved