زىيادە ئەسنەيدىغانلار مېڭە تىقىلمىسىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك

     ئەسنەش بىرخىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە. ئادەم بىرمەھەل جىددىي ھەرىكەت ۋە جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن نېرۋا چارچاش، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نەپەسمۇ چوڭقۇر، تېز بولۇشتىن بارا – بارا كالتە، ئاستا بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، قاندىكى ئوكسىگېن ئازىيىپ، چوڭ مېڭە قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمەي قالىدۇ. نەپەسنى باشقۇرغۇچى مەركىزىي نېرۋا چىقارغان بىرقېتىملىق قاتتىق نەپەسلىنىش سىگنالى بىر قېتىم ئەسنەش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەسنەش ئوكسىگېن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ.

      كىلىنىكىلىق كۆزىتىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، سەكتە ( مېڭە تىقىلمىسى ) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ %60 – %70 ىدە كېسەل كۆرۈلۈشتىن بەش – ئون كۈن بۇرۇن كۆپ ئەسنەش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن. ئۇنىڭ سەۋەبى، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىمى، مېڭە ئارتېرىيەسى قېتىش كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارنىڭ قان تومۇرى ئۇماچسىمان قېتىۋېلىش، تومۇر تارىيىپ كېتىش، قان ئايلىنىش ئاستىلاش، مېڭە توقۇلمىلىرىغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن. بۇ چاغدا ئورگانىزم چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق نەپەسنى تېزلىتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆكرەكنىڭ ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى كۆپەيتىدىكەن. بۇ ئارقىلىق يۈرەكنىڭ قان ھەيدەش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەكرار ئەسنەس ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن. مېڭە توقۇلمىلىرىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قانچە ئېغىر بولسا، ئەسنەش شۇنچە كۆپ بولىدىكەن، ئاخىرىدا مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ پاتالوگىيەلىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قەنت كېسىلى، قاندا ياغ ماددىسى ئېشىپ كېتىش كېسىلى قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سەۋەبسىز كۆپ ئەسنەيدىغان بولۇپ قالغاندا، سەكتە بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇپ، دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنۈشى كېرەك ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
27-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek