يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، دائىم سەۋزە ئىستىمال قىلىنسا، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مۇتەخەسسىسلەر، بىر گۇرۇپپىدىكى دائىم سەۋزە ئىستىمال قىلىدىغان 488 ئادەم ئىچىدە پەقەت ئىككى ئادەمنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى سەۋزىنى ئاز ئىستىمال قىلىدىغان 488 ئادەم ئىچىدە 14 ئادەمنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ، ئالدىنقى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردىن يەتتە ھەسسە يۇقۇرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە تاماكا چېكىدىغانلار كۈنىگە بىر باشتىن سەۋزە ئىستىمال قىلىپ بەرسە، تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. چۈنكى، سەۋزە تەركىبىدە سەۋزە كاروتىنى مول بولۇپ، ئۇنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش رولى بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved