بىرلەشمە تورى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: فىلىپپىندىكى بىر سوت مەھكىمىسى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 12 نەپەر جۇڭگولۇق بېلىقچىنىڭ قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش جىنايىتىگە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ بېلىقچىلارغا 6-12 يىلغىچە قاماق جازاسى بەردى. بۇ جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتى جەنۇبىي دېڭىز ماجىراسى سەۋەبلىك جىددىيلەشكەندىن بۇيان، جۇڭگو پۇقراسىغا تۇنجى قېتىم فىلىپپىندا جىنايەت بېكىتىلىشى.
2013-يىلى 4-ئايدا، 12 بېلىقچى بار كېمە تۇبباتاخا خادا تېشىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ قالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېلىقچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئەسلىدىنلا جىددىي بولغان جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
جۇڭگولۇق بېلىقچىلارغا ئاقلىغۇچى بولغان فىلىپپىن ئاممىۋى تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ ئادۋوكاتى بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار شىكايەت قىلىدىكەن. ئۇ مۇخبىرغا:«بىز جۇڭگولۇق بېلىقچىلار گۇناھىسز دەپ قارايمىز، ئۇلار قەستەن فىلىپپىن زېمىنىغا كىرمىگەن، بەلكى ناچار ھاۋارايىنىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچرىغان» دېدى.
بۇ بېلىقچىلار سوتتا جىم ئولتۇرغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئىنگىلىزچە ئوقۇغان ھۆكۈمنامىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان. ھۆكۈمنامە ئاندىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
كېمە باشلىقىغا 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، كېمە خادىملىرى 6-10 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن. سوتچى ئامبروسيو دېلۇنا يەنە بۇ بېلىقچىلارغا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جارىمانە قويدى.
بۇ بېلىقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھىندونېزىيەدىن جۇڭگوغا بېرىش يولىدا ناچار ھاۋارايىغا ئۇچراپ، تۇباتاخا خادا تېشىدا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇلار ئەينى چاغدا ئۇ جاينىڭ فىلىپپىن زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved