ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە بەردى

‹‹يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ››

 

 

ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹<قۇرئان كەرىم>دە مۇنداق بايان قىلىنغان: كىمىكى، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ؛ كىمىكى، بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە(قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ، ئىسلام دىنىدا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىپ، ئاللانىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ››.

 

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 نەچچە دىنىي زات 4 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسچىتىدە ‹‹22 – ماي›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەم كەڭ ئېتىقادچى ئاممىنى ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىردى.

 


شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دا، 70 نەچچە دىنىي زات ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە – ئەھكامى بويىچە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسچىتىدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ‹‹قۇرئان كەرىم››نى ۋاراقلىغاچ، ئىخلاس بىلەن دۇئا – تىلاۋەتنى باشلىدى. دىنىي زاتلار ‹‹قۇرئان كەرىم››، ‹‹ھەدىس›› قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلاردىن نەقىل ئېلىپ، زوراۋان – تېررورچىلار ۋە بەدنىيەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئايەت، ھەدىسلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئاتالمىش ‹‹غازات››نى تەشۋىق قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىققا قۇترىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن يات قەۋملەر ئارىسىدا ئۆچ – ئاداۋەت تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان يامان غەرىزىنى ئېچىپ تاشلىدى.

 


مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ جايدا ھەر بىر سۆز ئاللاغا، ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ‹‹ھەدىس››كە ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن تىلغا ئېلىندى. كۆپچىلىكنىڭ يۇمىلاق ھالەتتە چۆرىدەپ ئولتۇرۇشىمۇ ئىتتىپاقلىق مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، ھەر بىرەيلەننىڭ ئەيىبلەش چاقىرىقىغا كۈچلۈك ھەققانىيەت كۈچى مۇجەسسەملەندى.
ئەيىبلەش، پاش قىلىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا ئالدى بىلەن سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى: ‹‹زوراۋان – تېررورچىلار ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى رەھىمسىزلەرچە ناھەق ئۆلتۈرۈپ، ھەم قانۇننى دەپسەندە قىلدى، ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارنى ياخش ئىش قىلىشقا ئۈندەش، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى.

 

مۇسۇلمانلار ئۆزىمىزنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، ئائىلىمىزدىكىلەرنى، بالا – چاقىلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللا تائالا <قۇرئان كەرىم>دە مۇنداق دېگەن: <ئى مۆمىنلەر، ئۆزۈڭلەرنى، بالا – چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار> (سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت)››.

 


ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ مەخلۇقاتلىرى، ئاللانىڭ بەندىلىرى. باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە ناھەق ئۆلتۈرۈش ھەرگىزمۇ بىر ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس. بۇنداق قىلمىش ئاشۇ زوراۋان، تېررورچىلارنى پەقەت دوزاخقىلا باشلاپ بارىدۇ، دېدى مۆھتەرەم شىرىپ داموللا ئېنىق قىلىپ، ‹‹22 – ماي›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ جانلارغا رەھىمسىزلەرچە زامىن بولغان ئاشۇ زوراۋان، تېررورچىلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە – ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ تىنچلىقنى، كەڭ قورساقلىقنى، دوستانىلىقنى تەشەببۇس قىلىش روھىدىن چەتنەپ كەتتى. شۇڭا، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

 


‹‹(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار، (بىر يامانلىقنى قىلسا)، قىلغان يامانلىقىغا ئوخشاش(يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ››. جارۇللا قۇربان داموللا ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى سۈرە يۇنۇسنىڭ 27 – ئايىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە بەردى. ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايانلىرىدىن مۇنداق دەلىل كەلتۈردى: ‹‹سىلەر دىندا ئاشقۇنلۇق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. ھەقىقەتەن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر ئاشقۇنلۇق قىلغانلىقتىن ھالاك بولۇپ كەتكەن››.

 


ئابدۇشۈكۈر رەھمۇتۇللا داموللا مۇقەددەس كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق شەرھلىدى: ‹‹دوزاخ››تا ‹‹ئوتتىن قىلىنغان كەش كىيىش››، ‹‹ئوتتىن بولغان كۆرپە – سېلىنچا يېپىنىش›› ۋە ‹‹ئوت بىلەن جازالاش›› قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك جازا بار، پانىي دۇنيادا گۇناھ ئۆتكۈزگەن گۇناھكارلار ئاخىرەتتە ‹‹كىشەن›› سېلىنىپ، ‹‹دوزاخ››قا تاشلىنىدۇ.
نوپۇزلۇق يەتتە دىنىي زات ئايرىم – ئايرىم پىكىر بايان قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس بايانلار ئاساسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئاشقۇنلۇق قىلمايدىغان دىن.

 

ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئىسلام دىنىمىزنىڭ توغرا يولىدۇر.
ئاخىرىدا، 70 نەچچە دىنىي زات بىرلىكتە مۇنداق دۇئا قىلدى: ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللەپ، روناق تاپسۇن، دۆلىتىمىز ئاسايىشلىق، خەلق بەخت – سائادەتلىك بولغاي، ئامىن!››، ‹‹ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، جەمئىيەت مۇقىم بولغاي، ئامىن!››.

 

 

مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى
0



خەتكۈچلەر:
06-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek