ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە يېقىندا يېڭى ئائىلە ئەزاسىنى كۈتۈۋىلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، نوئېل بىلەن يولدىشى- سۇ رەدفورد ئۆزلىرىنىڭ 7-ئايدا 18-بالىسىنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتە، 2014-يىلى 6-ئايدا بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلار ئەڭ كىچىك قىزى-Halie نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە ئىپادە بىلدۈرۈپ، Halie نىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەرزەنتى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن نوئېل بىلەن 40 ياشلىق سۇ رەدفورد ئىككىلىسى ئەنگىلىيىنىڭ Lancashire ۋىلايىتىدىن بولۇپ، ئۇلار كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئىجىل-ئىناق ئەر-خوتۇنلاردىن ئىدى، نوئېل 14 ياش ۋاقتىدا كىرىس ئىسىملىك تۇنجى بالىسىغا ھامىلدار بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار توختاپ قالماستىن يەنە باشقا 16 بالىنى تۇغقان.
ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بالا تۇغۇشنى خالايدىغان ئەر-خوتۇنلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان بالىلىرىغا نۇرغۇن پاراۋانلىق پۇلى بېرىدىغان بولۇپ، بالىنى قانچە كۆپ تۇغسا بەھرىمەن بولىدىغان پاراۋانلىق پۇلىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپلەپ بالىلىق بولىدۇ. لېكىن نوئېل ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بالىلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بالىلىق بولغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ھازىرغا قەدەر ئادەتتىكى بالىلارنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئالغاندىن باشقا، ھۆكۈمەتتىن باشقا تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئېلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved