بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
نۆۋەتتە يىللار ناملىق پاراخوت 40 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ كەتكەن .كورىيە KBSتېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ،غەۋۋاسلار پاراخوت ئىچىگە كىرىپ قازا قىلغۇچىلارنى ئىزدىگەن ،ئەمما كۆرۈنۈش دەرىجىسى بەك تۆۋەن بولغانلىقتىن ،قازا قىلىنغانلارنىڭ جەسىتى يېنىغا بارالىغان تەقدىردىمۇ ،كۆرەلمەيدىكەن ،پەقەت قول بىلەن تۇتۇپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدىكەن ،ئىزدەش ئىنتايىن قىين ئىكەن ،غەۋۋاسلارنىڭ سۇ ئاستىدا ئىزدەش قاتمۇقات قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا 22-چېسلا چۈشتىن كېيىن كورىيە يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان كۆپ بوغۇملۇق ماشىنا قىسقۇچپاقا ھادىسە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى چونلا دېڭىز ئارىلى چېندۇ پورتىغا يەتكۈزۈلگەن .
بۇ ماشىنا قىسقۇچ پاقىنى كورىيە پەن تېخنىكا ئاكاددىمىيسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇلۇپ ،ئېيتىشلارغا قارىغاندا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇغا چۈشۈش چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سۇ ئاستىدا ماڭالايدىغان ماشىنا ئادەم ئىكەن .
ئۇ ئەينەك تالدىن ياسالغان بۇلۇپ ،ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر ،ئۇزۇنلىقى 2 مېتىر 45 سانتىمېتىر كېلىدىكەن ،كەڭلىكى بولسا ئىككى مېتىر 42 سانتىمېتىر ،ئېغىرلىقى 635 كىلوگرام ،تۆت غەۋۋاسنى ئېلىپ سۇ ئاستىغا چۈشەلەيدۇ ،سۇ ئاستىدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 1.6 كىلومېتىر ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بولغان يېر ى ئاليومىن ماتېرىياللىق ئالتە چوڭ پۇتىدىن ئىبارەت .ھەر بىر پۇتىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1 مېتىر 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ ، ماشىنا قىسقۇچ پاقا بۇ ئالتە پۇتىدىن پايدىلىنىپ ،دېڭىز ئاستىدا مۇقىم ماڭالايدۇ ،ھەمدە دېڭز ئاستىدىكى يۇشۇرۇن ئېقىمغا تاقابىل تۇرالايدۇ .
ماشىنا قىسقۇچ پاقىنىىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تۇراقلىقلىقى يۇقىىر ى ،ھەرىكەت ھالىتىنى ھەرۋاقىت تەڭشەپ ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلۈپ كېتىشتىن ساقلىنالايدۇ ،ئۇنىڭغا ئون بىر دانە تېلىكامىرا ئورنىتىلغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى سۇ دۇغلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ كۆزىتەلەيدۇ .گۇمانلىق جىسىمنى بايقاپلا قالسا ئۇ قولى بىلەن جىسىمنى تۇتۇپ ئامبارغا ساقلاپ قۇيىدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەسۋىر كۆچۈرگۈچ ئارقىلىق سۇ ئېقىمىنىڭ سۈرئىتىنى كۆزەتكىلى شۇنداقلا تۇرۇشلۇق دېڭىز رايونىنىڭ ئۈچ Dكۆرۈنۈشلۈك سۈرئىتىنى سىزىپ چىققىلى بولىدۇ .
شۇ سەۋەبتىن ماشىنا قىسقۇچ پاقا ئەگەر ئىزدەش خىزمىتىگە كىرىشتۈرۈلسە ،چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋالنى تېخىمۇ تېز ئىگىلەپ ،غەۋۋاسلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ،ئەمما ھازىر ئەھۋال جىدىي بولغاچقا ،كورىيە دېڭىز ئوكيان پەن تېخنىكا ئاكاددىمىيسى ئۇنى چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكىلەرنى ئىزدەش خىزمىتىگە سېلىشنى قارار قىلدى .يىللار ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكىنىگە خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى ،ئەمما يەنە نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاپ تېپىلغىنى يوق .پاراخوت زادى قانداق چۆكۈپ كەتكەن ؟نېمە ئۈزۈن شۇنچە كۆپ ئادەم قازا قىلىدۇ ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىدۇ؟شۇ چاغدا يولۇچىلار پاراخوتىدا زادى نەچچە ئادەم بار ئىدى ؟ نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك رەقەملەردە ئىزچىل ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ ؟بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يەنىلا ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ .
لەگلەك تور ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، سامسۇڭ Galaxy C5/C7 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، Galaxy C5/C7 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇندىن بۇر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved