ماتىريال رەسىم مەزمۇن بىلەن ئالاقىسى يوق
تېڭشۈن خەۋەر تورى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىياڭگاڭ‹شەرق كۈندىلىك گېزىتى›دىكى باھاسۆزىدە ،شىنجاڭنى ئايرىم قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدىكى تېرورچىلارنىڭ،تېرورلۇق ھەركىتىدە،ئايال كىشىنىڭمۇ تېرورلۇققا قاتناشقانلىقى ھەممە كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتتى.
بۇ قېتىملىق كۈنمىڭدىكى زوراۋانلىق ھەركىتىدىكى تېرورچىلارنىڭ ئىچىدە ئەمدىلا ئون ئالتە ،ئون يەتتە ياشلار چامىسىدىكى ئۇيغۇر قىزمۇ بار بۇلۇپ ،ئىككىلى قولىدا پىچاق كۆتۈرۈپ خالىغانچە ئەتراپتىكىلەرنى چاپقان.بۇ شۇنى بىلدۈردىكى:شىنجاڭنى ئايرىم قۇرۇش مەقسىتىدىكى تېرورچىلار ئاياللارنىمۇ تەشكىل قىلدىغان بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېلدىغان تەھدىدى كۈچەيگەن.ئۇلار ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ،يالغۇز ياكى گوروھلىشىپ ۋەقە تۇغدۇرۇپ،توختىمايۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ،تېرورلۇق ۋەقەلىرىدە ئاياللار داۋاملىق پەيدە بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ.بۇ يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقسۇ رايونىدا يۈز بەرگەن پارتىلىتىش دىلوسىدىمۇ،ئاز دېگەندە بىر نەپەر ئايال جىنايەتچى بار.2013-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ،بېيجىڭدا يۈز بەرگەن جىن شۈي كۆۋرىكى ۋەقەسىدىمۇ ئىككى نەپەر ئايال جىنايەتى بار.
شىنجاڭدا زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بىر ئەمەلدار يەر شارى ۋاقىتلىق گېزىتىدە مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن:‹تېرورچى ئەر ئايال دەپ جىنىس ئايرىمايدۇ.پەقەت ئۇلار ئىنسانىيەتكە قارشى زوراۋانلىق ،تېرورلۇق ھەركىتى ئېلىپ بارغان بولىسلا ،ئۇ كەچۈرۋەتكىلى بولمايدىغان تېرورچى بولىدۇ›
.ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:‹مەيلى چېچېن ‹قارا تۇل خوتۇن›بۇلامدۇ،ياكى تالىبان ئايال تېرورچى بۇلامدۇ،ئۇلار بەرىبىر روشەن بولغان سىياسىي مەخسەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ
ھەمدە مەخسۇس تەربىيلەنگەن بۇلىدۇ.نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە پەيدا بولغان ئايال زوراۋان،تېرورچىلار بولسا،ئائىلىنىڭ ياكى شۇ مىللەتتىكى ئەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بۇلۇپ،مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس،ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كۆز قارشى يوق،تېخى سىياسىي ئۆلچەمگە يەتمىگەن دىدى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved