نۆۋەتتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كۈنسېرى كېڭىيىپ، ھەتتا جىنايەت گۇرۇھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرگە زەھەرلىك چېكىملىك يەتكۈزىدىغان بولغان. شياڭگاڭ ‹‹ۋېنخۈي گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 10-ئاي بىر ئاي ئىچىدىلا 9 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرمىلەردە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى جىنايەتچىلەرگە زەھەرلىك چېكىملىك، يانفون ۋە پۇل قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. بىر جىنايەتچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مال يەتكۈزۈشىنى خۇددى ‹‹تاماق يەتكۈزۈش›› تەك ئاسان دەپ سۈپەتلىگەن. مىلاد بايرىمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق چەكلەنگەن بۇيۇملارنى يۆتكەش تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتكەن.
تۈرمە ئەمەلدارىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر بولاق 20 فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى خېروئىننى تۈرمىدە 100 فوندستېرلىڭغا، بىر تال يانفوننى 1000 فوندستېرلىڭغا ساتقىلى بولىدىكەن.
ئەنگلىيە تۈرمىلىرى 2014-يىلى 4-ئايدىن بۇرۇن ئەزەلدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ باقمىغان، بىراق شۇنىڭدىن كېيىن ئىنگلاند ۋە ۋېلشتا 28 قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ پەقەت %10 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، %90 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار زەھەرلىك چېكىملىكنى غەلىبىلىك يەتكۈزگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved