ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 13-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 2004-يىللىق ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ تەسىرىدە، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلاشقاچقا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ھەر قايسى تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك قوغداش ۋە ئاسراش خىزمىتى ئېغىر دەرىجىدە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، كۆپىنچە تەنھەرىكەت مەيدانلىرى تاشلىنىپ خارابىلىككە ئايلىنىپ قالغان .
ئون يىلنىڭ ئالدىدا ، بۇ تەنھەرىكەت مەيدانلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ، رېپېرلار ، ئەمەلدارلار ۋە نەچچە مىليونلىغان تاماشىبىنلارنى كۈتۈۋالغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە ، ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ . پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كىرىزىستا ، گىرېتسىيە ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلانغان . گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئەسلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، گىرېتسىيەنىڭ ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرماقچى بولغان ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، گەرچە ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىر ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، بىراق گىرېتسىيەنىڭ ئىقتىساد ئەھۋالىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭ رول ئوينىيالمىغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved