ئالدىنقى قېتىم فېد پۇلنى تارايتىش دەۋرىنى قوزغاتقاندا ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى ئۈمىدۋار قارىغان.
ئۇ قېتىم دەل 2004-يىلى ئىدى، ئەينى ۋاقىتتىكى فېدنىڭ رەئىسى گرېنىسپان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى قوزغاتقان. ئاشۇ بىر يىلدا فېد %0.25 تىن %1.25 كىچە ئۆسۈم قوشقان، شۇندىن كېيىن تارىيىش دەۋرى باشلانغان، 2006-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدا ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى %5.25 كە يەتكەن.
ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىقتىسادى گەۋدە ئىدى. جۇڭگو ئىقتىسادى ئىككى خانىلىق سان سۈرئىتى بىلەن ئېشىۋاتقان، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادى قايتا جانلانغان، ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە بورىنى خۇددى ئۇزاق ئەسلىمىدەك ئىدى.
ئەكىسچە بۇ قېتىم فېدنىڭ رەئىسى جەنىت يەلېن پات ئارىدا 2006-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرمەكچى، ئاسىيا ئىقتىسادى يىراققا نەزەر سالدى ئەمما ئۈمىدۋار قارىمىدى.
جۇڭگو ئىقتىسادى 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش نىسبىتىگە يۈزلەندى. ياپونىيەدە قايتا-قايتا ئۈچ يىلدا ئىككى قېتىم ئىقتىسادى چېكىنىش يۈز بەردى، كاپىتال ئاسىيادىن ئېقىپ چىقىپ كەتتى، ئىلگىرى بىر مەزگىل جانلانغان تايلاند، مالايسىيا قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادى قەدىمى ئاستىلىدى.
بۇ يىل يازدا جۇڭگونىڭ پاي بازىرىدا 5 تىرىلىيون دوللار پارلىنىپ كېتىپ كىشىنى چۆچۈتتى، بۇ دەل جەنىت يەلېننىڭ ئۆسۈمنى ۋاقتىنچە ئۆستۈرمەسلىكىنىڭ سەۋەبىدىن بىرى.
فېدنىڭ بۇ قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرىشى ئاسىياغا زەربە بېرىشى مۇمكىن، ئانالىزچىلاردا ئىختىلاپ مەۋجۇت.
بەزى خەۋپتىن دوللار زايومىنىڭ چوڭ نىسبەتتە ئاشىدىغانلىقىنى ئاسانلا كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. فېد ئۆسۈم ئۆستۈرسە كاپىتالنىڭ ئاسىيا بازىرىدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسىيا پۇلىنى باسىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئاسىيا بازىرىدىكى كارخانىلارنىڭ تاشقى قەرزنى قايتۇرىشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. جۇڭگو، ھىندىنوزىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ تېخىمۇ غەم-قايغۇ. ئىقتىسادشۇناس Barry Eichengreen ۋە Ricardo Hausmann «ئەسلى گۇناھ» سۆزى ئارقىلىق چەتئەلدىن قەرز ئېلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى سۈپەتلىدى.
ئالدىنقى قېتىم فېدنىڭ سىياسىتى باشقا مۇھىم مەركىزى بانكا بىلەن ئايرىلغان، فېد 1994-يىلى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ھالدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە باشلىغان، ئاسىيا پاي بازىرى شۇندىن كېيىنكى بىر يىلدا %23 چۈشۈپ كەتكەن، ئەكىسچە ئامېرىكا ئۆسۈمنى %3 ئۆستۈرگەن.
شۇ يىلى ۋە ئۆتمۈشتىكى باشقا دەۋردە ئاسىيا پۇلىنىڭ دوللار بىلەن باغلىنىش مۇناسىۋىتى بىرقەدەر زىچ بولغانلىقتىن، ئاسىيا رايونىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتىگە ئەگىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved