ئامېرىكا ئورىگون شىتاتىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى خەلق ئەسكەرلىرى فېدېراتسىيە مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن ئۇدا 24 سائەت تىركەشكەندىن كېيىن، 1- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىپ، ۋەقەدە بىر نەپەر خەلق ئەسكىرى ئۆلگەن ۋە بىر ئادەم يارىلانغان، 7 ئادەم قولغا ئېلىنغان ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، قورتۇقۇش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ، فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشىغا دەخلى قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئامېرىكا « ئورىگونلۇقلار » گېزىتى ۋە NBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، ساقچى تەرەپ 7 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئورگون شىتاتىنىڭ پۇقرالىرى ئەمەسكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە خەلق ئەسكەرلىرى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئىجتىمائىي رايون چوڭ يىغىنى ئېچىۋاتقان چوڭ يولغا كەلگەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشرۈش ئىدارىسى FBI ۋە قانۇق ئىجرا قىلغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved