ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى پۇقرالارنىڭ ئەندىشىسىنى پەيدا قىلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئەسلىگە كەلمەستىن، بەلكى پۇقرالارنىڭ ئەندىشىسىنى پەيدا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇشتىن كىيىن تالىبانلارنى تازىلاش ۋەزىپىسىگە بولغان گۇمانىنى پەيدا قىلدى.


ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خەلقئارا بىخەتەرلىككە ياردەم بەرگۈچى قىسىمى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان، بىراق ئافغانىستاندا قېپقالغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يېقىندا قوراللىق ئۇنسۇرلارنى كېچىدە تازىلاش كۈچىنى زورايتقان. يېقىندا، ئافغانىستاندا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپىيىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر يارىلىنىپ ۋە قازا قىلىپ، ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قوزغىغان ئۇرۇشى ئۇزاققا سۈزۈلدى، مەسىلىلەر قايتىدىن تېرىلدى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىقتىسادىنى قايتىدىن قۇرۇش جەھەتتە قاتمۇ قات يوشۇرۇن ئامىللارغا يولۇقتى.


1.چەتئەللەر ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كىيىن، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا تالىبانغا قاراتقان سۆز ھەرىكەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقى كەڭ دائىرىدە دىققەت قىلىندى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ تېررورچى تەشكىلات بولماستىن، بەلكى قوراللىق تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى بازا تەشكىلات بىلەن ئايرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى، بۇ خەۋەر، ئافغانىستاندا تالاش تارتىش پەيدا قىلدى.


ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنىڭ %70 دىن كۆپرەكىنى تالىبان بىلەن ئۇنىڭ شېرىكلىرى پەيدا قىلغان . ئۇندىن باشقا، تالىبان ئافغانىستان ئۇرۇشىدا يوقۇتۇلماستىن، يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشى، ئەسكەر چېكىندۈرۈش نامىنى پەدەزلەش، ھەمدە بۇنى ئۈلگە قىلىپ، كەلگۈسىدە ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئورۇن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. بىراق، ئافغانىستاندىمۇ بۇنى قارشى ئىلىش سادالىرى بارلىققا كېلىپ، بۇ، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتە يارىشىش مۇساپىسىگە تېزدىن تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق دەپ ھېسابلاندى.

 

2. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەر چېكىندۈرۈش جەريانىدا قولدىن بېرىپ قويغان كۆپلىگەن قۇرال ياراغلىرى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، جەمئىيەتنىڭ داۋالغۇشىنى پەيدا قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاپتوموبىل ۋە ئىلغار قۇرال ياراقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممىتى 420 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ھەربىي جابدۇقلارنى قولدىن بېرىپ قويدى دېدى. بىراق، قولدىن بېرىپ قويغان قۇرال ياراغلارنىڭ ئىسىمنى، ۋاقتىنى ۋە ئورنىنى تىلغا ئالمىدى، شۇنداقلا بۇنىڭغا كىمنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتمىدى.


ئافغانىستان كانچىلىق شەرىئىتىنىڭ دىرېكتورى مۇھەممەت مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن كۆپلىگەن قۇرال جابدۇقلىرى ئۆز جايدا كۆمۈۋېتىلدى ياكى قاراڭغۇ بازارغا كىردى. بىر قىسىم جايلاردىكى كىشىلەر پۇل خەجلەپ ھەربىي بازىدىكى خادىملاردىن قۇرال جابدۇقلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ھايىنىغا ساتماقتا، بۇنى ساقچىلار بايقىسىمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرىمايدۇ.

پاكىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىي بىلەن چېگرالىنىدىغان پېشاۋار ئۆلكىسىدە كۆپلىگەن ماگىزىنلار ئەتكەس قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان پىچاق، دۇربۇن ۋە كېچىدە پەرق ئېتىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق كۆپلىگەن قۇرال ياراغلىرىنى ساتماقتا، ھەتتا توردا ئاشكارا ھالدا ساتماقتا. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: يوقاپ كېتىش ۋە ھاينىغا سېتىۋېتىش قاتارلىق ئامىللارغا قارتا، ئامېرىكا ئارمىيەسى قالدۇرۇپ كەتكەن قۇرال جابدۇقلار قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.


3. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا مەبلەغ ياردەم بېرىشى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، مەبلەغ ئىسراپچىلىقى ساقلانغانلىقتىن، چەتئەللەرنىڭ ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشكە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئامېرىكا شىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا كۆپلىگەن مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، بىراق ئىشلىتىش ئەھۋالى ئېنىق بولماي، ئاسان چىرىكلىشىپ ھادىسى ساقلانغان. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ھەرىكىتى ئالاھىدە گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش ئورگىنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىمىغا ئاز دېگەندە 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقان، ئۇندىن باشقا 104مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن، بىراق مەبلەغ ئىسراپچىلىقى ئېغىر بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرى كەمچىل بولغان.

شۇڭا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كونكرېت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىغانلىقتىن، بۇ ئورگانمۇ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇشقا كېرەكلىك مەبلەغنى مۆلچەرلىيەلمىگەن، شۇنداقلا باج تاپشۇرغۇچىلارغا مەبلەغنىڭ نەگە كەتكەنلىكى توغرىسىدا جاۋاب بېرەلمىگەن. بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئامېرىكا يېقىندا ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى.



خەتكۈچلەر:
17-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek